باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مۇتەخەسسىسلەر: ئېغىرلىق كۆتۈرۈش خامۇشلۇق كېسىلىنى ياخشىلايدۇ

2018.05.31 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خامۇشلۇق كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل روھىي كېسەللىك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2017- يىللىق ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە 300 مىليون ئادەم شۇ كېسەلنىڭ ئازابىنى چەكمەكتە ئىكەن، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئادەم سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %18كە يەتكەن. ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان كۆپ خىل تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت خامۇشلۇق كېسەل ئالامىتىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىدىكەن. يېقىندا ئىرېلاندىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قارشىلىق كۈچى مەشىقىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىكەن. بۇ، قارشىلىق كۈچى مەشىقىنىڭ روھىي كېسەللەرنى داۋالاشتىكى تۇنجى باھالاش سىستېما تەتقىقاتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  قارشىلىق كۈچى مەشىقى يەنە كۈچ مەشىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەنە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە يەر بېغىرلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ، مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە چىدامچانلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئىرېلاندىيە لىمېرىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپىسى 2000 كىشىلىك بۇ قاتناشقۇچىلار توپىغا مۇناسىۋەتلىك 33 تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىپ، نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، قانۇنىيەتلىك بولغان قارشىلىق كۈچى مەشىقى ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسىل بىلەن چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىسى ئارىسىدىكى ئۇلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، نەتىجىدە خامۇشلۇق كېسىلىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشىلايدىكەن. بۇ خىل چېنىقىش يەنە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدىكەن.

  ئامېرىكا ھەرىكەت مېدىتسىناسى ئىنستىتۇتى كىشىلەرگە تەكلىپ بېرىپ، ساغلام كىشى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم قارشىلىق كۈچى مەشىقىنى ئىشلەپ بېرىشى ۋە ھەر قېتىمدا 8-10 گۇرۇپپا قىلىپ، ھەر بىر گۇرۇپپىدا 8- 10 قېتىمغىچە مەشىق ئىشلەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقىنى بىر خىل ئەكس تەسىرى بولمايدىغان، باشقا داۋالاش تۈرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان ياكى قوشۇمچە داۋالاش تۈرى قىلىشقا بولىدىغان بىر خىل داۋالاش تۈرى دەپ قاراپ ئېلىپ بارسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر