2018-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرى جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون شېنجېندا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 6-ئايدا، ئاستانە باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشتى، جۇڭگو رەسمىي ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، ساھىبخان دۆلەت جوڭگو بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىش- ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى نىشان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، يېڭى- كونا ئەزالارنىڭ كۆنۈپ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى