باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىن تاپاۋەت بېجى %15 لىك نىسبەت بويىچە كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ

2018.05.30 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ماي مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇش بويىچە، 2018-يىلى1- يانۋاردىن باشلاپ، ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت كارخانىسى(مۇلازىمەت سودىسى تۈرى) دەپ بېكىتىلگەن كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجى %15 لىك نىسبەت بويىچە كېمەيتىپ ئېلىنىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا قارىغاندا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت كارخانىسى (مۇلازىمەت سودىسى تۈرى) نىڭ ئۇيغۇن كېلىش زۆرۈر بولغان شەرتلىرى ۋە ئۇلارنى بېكىتىش-باشقۇرۇش ئىشلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا جەزمەن قاندۇرۇشقا تېگىشلىك ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىنىڭ دائىرىسى مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتا قۇشۇمچە قىلىنغان «ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت ساھەسى، دائىرىسى(مۇلازىمەت سودىسى تۈرى)»بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن، بۇ ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ توپلانما مۇلازىمىتى، سانلىق مۇلازىمەت، تەتقىقات ۋە تەجرىبە مۇلازىمىتى، سانائەت لايىھەسى مۇلازىمىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ چېگرىدىن ھالقىغان ئىجازىتى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى رەقەملىك ئىشلەش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا تەرجىمە قىلىش، ئاۋازغا ئېلىش ۋە ئىشلەش مۇلازىمىتى، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە دەرىجىلىك پەن- تېخنىكا تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك سودا، مالىيە، باج، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى بىلەن «ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ دائىرىسى(مۇلازىمەت سودىسى تۈرى)نى شۇ رايوننىڭ ئىلغار تېخنىكا تىپىدىكى مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى بېكىتىپ- باشقۇرۇش چارىسىغا ۋاقتىدا كىرگۈزىدۇ ھەم بۇلارغا ئاساسەن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە، باج، سودا، پەن-تېخنىكا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە بايقالغان ھامان مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى،دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا يوللىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر