باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياخشى ئۇخلاشنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسى بار

ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى كېچىسى يەتتە- سەككىز سائەت ئۇخلاش لازىم

2017.12.21 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياخشى ئۇخلاش ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچى بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. ساغلاملىق ۋە بەخت ماركىسى Forza Supplementsنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 1000 ئادەمنىڭ ئۇخلاش ئادىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەشنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان.

  قانۇنىيەتلىك ھالدىكى ئۇخلاش ئادىتى بولغان تۆتتىن ئۈچ قىسىم قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېخىمۇ ئاسان چۈشۈشى كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇلار تاماقتىن تېخىمۇ بەكرەك پەرھىز تۇتۇش بىلەن بىرگە يەنە ۋاقتىدا تاماق يېگەن. ۋاھالەنكى، ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن ئاز ئۇخلايدىغانلار ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ قالايمىقان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، نورمال دەم ئالىدىغانلارغا قارىغاندا، %64 كىشىلەر ئۇششاق يېمەكلىككە تېخىمۇ ئامراق كىشىلەر ئىكەن.

  قانچىلىك ئۇخلىغاندا ئۈنۈملۈك ئورۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى كېچىسى يەتتە-سەككىز سائەتچە ئۇخلاشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىشكە پايدىسى بار ئىكەن. كارىۋاتقا چىقىشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاقىت كەچ سائەت 10دا ئىكەن. چۈنكى، ئەڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى بولغان ئۇيقۇ يېرىم كېچىدىن بۇرۇن بولىدىكەن.

  Forza Supplementsنىڭ باش دىرېكتورى Lee Smith مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى كېچىسى سەككىز سائەت ئۇخلاشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە ھەقىقەتەنمۇ پايدىسى بار. بۇ خىل ئۇيقۇنىڭ "ھۆسۈن تۈزەش ئۇيقۇسى" دەپ ئاتىلىشىنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس. بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاماقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش ۋە قانۇنىيەتلىك بولۇشتۇر. ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز ھەمدە ئۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر