باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ئېغىز چاڭقاش» بەلكىم قۇرغاقلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن

ئۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ

2017.12.21 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈز ۋە قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئېغىزى قۇرۇپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ. كلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پەسىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ خىل قۇرغاق بولۇشتىن باشقا، كىلىنىكىدا قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بىمارلىرىدا يەنە ئۇزاققىچە «ئېغىز چاڭقاش» ھېس قىلىشمۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئۇ خىل ھالەت بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتلىققا خەۋىپ يېتىدۇ.

  ئەنخۇي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ رېماتىزم ئىممۇنىتېت بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ فېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىلىنكىدا ئىلگىرى قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى سەۋەبلىك شوك بولۇپ قالغان نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالىغان بولۇپ، ئۇ خىل بىمارلار ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى ۋە كۆزلىرى قۇرغاقلاشقانلىقىنى ھېس قىلغان، ھەتتا چىشى چۈرۈكلىشىشتەك كېسەللىك ئالامىتىمۇ كۆرۈلگەن، لېكىن، بىمارلار ئادەتتە ئۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ھاۋانىڭ قۇرغاق بولۇپ كېتىشى ۋە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىغان، ھەتتا ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى خالىغانچە ئىشلەتكەن. بەزى بىمارلاردا ھەتتا بۆرەك كىچىك نەيچىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇپ، بەدىنىدىكى كۆپ مىقداردىكى كالىي بۆرەك ئارقىلىق ئاجرىتىپ چىقىرىلغاچقا، ئېغىر دەرىجىدىكى قاندا كالىي تۆۋەنلەش كېسىلى سەۋەبلىك شوك بولۇش ھادىسىسى پەيدا بولغان.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، قۇرغاقلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولسا، بىر خىل ياش بېزى ۋە شۆلگەي بېزى قاتارلىق تاشقى ئاجراتمىلار بېزىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئاساس قىلغان ئاستا خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك قوشقۇچى توقۇلما كېسىلى بولۇپ، ئۇنىڭ، ئېغىز قۇرۇش، ئېغىر چىش چىرىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، كۆز قۇرغاقلىشىشتەك ھەر تۈرلۈك ئىپادىلىرى بار ئىكەن. ئېغىر بولغاندا، ئۇ يەنە جىگەر قېتىش ۋە بۆرەك كىچىك نەيچە ئىقتىدارى زەيىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاز ساندىكى كىشىلەردە يەنە قوشۇلما لىمفا ئۆسمىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر قۇرغاقلىشىشتەك كىسەللىك ئالامەتلىرى 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە داۋاملىشىپ، ئۇنىڭدا ياخشىلىنىش بولمىسا، قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدىن چوقۇم ھەزەر ئەيلەش، ۋاقتىدا ئىممۇنىتېت بۆلۈمىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزۇش لازىم ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر