باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى

«56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19- قۇرۇلتايغا بېغىشلىغان سۆزلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك مىكرو سىن پىروگراممىسىنى قويۇش باشلاندى

2017.10.13 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە خەلق گېزىتخانىسى بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلغان، خەلق تورى باش بولۇپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك مىكرو سىن پىروگراممىسى «56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19- قۇرۇلتايغا بېغىشلىغان سۆزلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك بۇ پىروگرامما بۈگۈندىن باشلاپ خەلق تورى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. ئۇنىڭ 1- سانى «سەمىمىي غەمخورلۇقنى يادتا چىڭ ساقلايلى» دېگەن تېمىدا بولۇپ، بۇ پىروگرامما جەمئىي يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

  بۇ يىل 9- ئايدىن 10- ئايغىچە، خەلق تورى 17 بۆلەك زىيارەت ئۆمىكى ئەۋەتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ۋەكىللىرىدىن 56 نەپەر كىشىنى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىگە بولغان سەمىمىي ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ھەمدە بىر نىيەتتە ۋە ئىناق ھالدا تەرەققىي قىلىشىدەك كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى. بۇ شەخسلەر ئىچىدە، ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بار، ھەم ھەر ساھە ھەر كەسىپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئاممىمۇ بار؛ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان ئاۋانگارت زاتلار بار، ھەمدە ئاممىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزگەن ئىلغار تىپلارمۇ بار.

  «56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19- قۇرۇلتايغا بېغىشلىغان سۆزلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك مىكرو سىن پىروگراممىسى 10- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە قويۇش ۋاقىتلىرىغا ئايرىلىپ خەلق تورىدا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر