باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى

يېشىل مەدەنىيلىك خەرىتىسىگە نەزەر (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

2017.10.13 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ مىڭ چاقىرىملىق خەنجياڭ دەرياسى چىنلىڭ تېغىدىن شىددەت بىلەن ئېقىپ چۈشۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن تۇتىشىپ، گۈزەل خەنجياڭ دەرياسى قولتۇقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  بۇ يەردە ۋۇخەندىكى تۇنجى سوپۇن، تۇنجى بىر تۇڭ سىر ئىشلەپچىقىرىلغانىدى، ئىلگىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300دىن ئارتۇق سانائەت كارخانىلىرى بۇ يەرگە توپلاشقانىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، يۈز يىللىق كونا سانائەت بازىسى تەلتۆكۈس ئۆزگەردى. 99 خىمىيە سانائىتى كارخانىسى كۆچۈرۈلۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا سېلىنغان تۇرخۇنلار يوقىدى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى 10 نەچچە كىلومېتىردىن ئارتۇق ياپيېشىل ئورمان ئىگىلىدى، جياڭتەندە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى، كۈتۈنۈش، مائارىپ، سەھىيە جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى توپلاندى.

  ئون مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان چاڭجياڭ دەرياسىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان پەقەت بىر خەنجياڭ قولتۇقىلا ئەمەس.

  «ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى تەڭ تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق كېرەك». چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش - يېشىل تەرەققىياتنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەبىرى بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قەتئىي تۈزەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئانا دەرياسىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر