خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ زىيارەت قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، كورېيە مەركىزىي گېزىتى، كورېيە مىللەتلەر گېزىتى، كامبودژانىڭ كېخمىر گېزىتى، شياڭگاڭ جۇڭپىڭ ئاگېنتلىقى، تەيۋەن جۇڭتيەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 25 ئاخبارات تاراتقۇ ئورنىدىن كەلگەن 35 مۇخبىر بېيجىڭنىڭ ئوق سىزىقىنى بويلاپ يۇڭدىڭمېن راۋىقى، جىڭشەن، قوڭغۇراق راۋىقى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇنارى قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك بىناكارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پايتەخت بېيجىڭنىڭ قەدىمكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى چۈشەندى ۋە قەدىمىي پايتەختتە 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ئۇرغىۋاتقان ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلدى.
كورېيە مىللەتلەر گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جىن ۋېيشۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇلازىمىتى ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بوپتۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى