10-ئاينىڭ 12-كۈنى، تاماشىبىنلار «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا «ئەرش كۆزى» مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە، بىر دادا كالىبىرى 500 مېتىرلىق شارسىمان رادىيو تېلېسكوپىنىڭ مودېلى ئالدىدا، ئوغلىغا: «بۇ ‹ئەرش كۆزى›نىڭ مودېلى، ھەقىقىي ‹ئەرش كۆزى›نىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى پەرەز قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز نېمە دىگەن قالتىس!» دېدى، بالا خىيالغا پاتقان ھالدا ئاڭلىدى.
بۇ چوڭ تىپتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىدە پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىنىپ، بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر مۇجەسسەملىنىپ، تەرەققىياتنىڭ مول نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
نەتىجىلەر __ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتتى؛ ئارزۇ __ گۈزەل تەلپۈنۈشكە يېتەكلىدى؛ مەنزىل __ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، كىشىلەرنىڭ يۈرەك دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھېسسىياتى بېرىكىپ كەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى