باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى (1)

2017.10.13 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكى ھەم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىندى. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  سوئال: ئالدى بىلەن، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.

  جاۋاپ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى 2016-يىلى 11-ئايدا باشلاندى، نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 40 سايلام ئورۇنىدا ئايرىم-ئايرىم پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ 2287 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىگە بولغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە سىياسەت-بەلگىلىمىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەم شەرتىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپ-باسقۇچلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە ياخشىلىرىنى تاللاپ ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پائال قاتنىشىپ، دېموكراتتىك ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق مۇستەقىل ھالدا ئىپادىلىدى. ھەرقايسى سايلىغۇچى ئورۇندىن سايلانغان ۋەكىللەر ئومۇمىي جەھەتتىن مەركەز بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى، ياخشى ئىستىل - پەزىلەت ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغارلىرى ھېسابلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر