باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا-سانائەت بانكىسى ئامېرىكا ھيۇستوندا تارماق ئاپپاراتىنى تەسىس قىلدى

2017.10.12 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى نىيۇيورك، سان فىرانسىسكو، لوس ئانجېلېس ۋە سىياتېل قاتارلىق جايلاردا تارماق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا ھيۇستوندىكى تارماق ئاپپاراتى 10- چېسلا ئامېرىكىدىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر خىيوستۇندا رەسمىي تىجارەت باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تۇنجى جۇڭگو مەبلىغىدىكى بانكا ئاپپاراتى بولۇپ قالدى.

  ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى دۇنيا بويىچە 44 دۆلەت ۋە رايوندا چەت ئەللەردىكى تارماق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلدى، ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقا ئىستاندارت بانكىسىغا پاي قوشۇش ئارقىلىق، ئافرىقىدىكى 20 نەچچە دۆلەتكە ۋاسىتىلىك ھالدا كېڭەيتىلدى. ئامېرىكىدا، سودا-سانائەت بانكىسى 2008- يىلى نىيۇيوركتا تۇنجى شۆبە بانكىسىنى تەسىس قىلغان. سودا-سانائەت بانكىسى ھازىر تەرەققىي قىلىپ توپ سېتىش، پارچە سېتىش، يەرلىك ئاكسىيە سودىگەرلىرى ۋە كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سۇپىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر