باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياش ئىجادكارلار ئىنقىلابىي ئارزۇنى قاناتلاندۇردى (پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى مىنۇتلىرى)

ئىستۇدېنتلار كوللېكتىپى يەنئەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشتى

خەلق گېزىتى مۇخبىرى گاۋ بىڭ

2017.10.13 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممەيلەن كۆزىنى كاتتا مەرىكىنىڭ ئېچىلىشىغا تىككەندە، بۇ ھەم ياش ئەۋلادلارنى روھلاندۇردى.

  «ئىستۇدېنتلار ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك: ئادەم بولۇش، ئىش قىلىش، بىلىم ئۆگىنىش. بىز شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غايىلىك، ئىنتىلىشچان، مەسئۇلىيەتچان كىشىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.» دېدى شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جاڭ كوخەي مىكرو ئېلېكتىرون ئىنستىتۇتىنىڭ 1-يىللىقىدىكى ئىستۇدېنتلارغا ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى بېرىۋاتقاندا. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئېكرانغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»گە قاتناشقان ئىستۇدېنتلارغا يازغان جاۋاب خېتى چۈشۈرۈلگەنىدى.

  « سىلەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئەقىل-پاراسىتىڭلار، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىرادە، پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، مىليونلىغان خەلق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشتە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشلىقىڭلار ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تىلىكى 1-يىللىقتىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ بەس مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  بۇ يىل 4- ۋە 7-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100دىن ئارتۇق ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى يەنئەنگە بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش روھى تازا ئۇرغۇۋاتاتتى.

  چەت، يىراق تاغلىق رايوندىكى بالىلارغا قانداق قىلىپ ئىلغار پەن-تېخنىكا تەربىيەسى بېرىش شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «<سۇئانىئېر> ماشىنا ئادەم ئىجادكارلار مائارىپى» كوللېكتىپى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. تۈر مەسئۇلى ياڭ شاۋيى مۇنداق دېدى: كوللېكتىپ ھازىر يەنئەندىكى بەش مەكتەپ بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئىجادكار ماشىنا ئادەم مائارىپى بايلىقىنى يېزا-كەنتلەرگە ئېلىپ كىردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر