باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خورەك تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى سەككىز ئەپچىل چارە

2017.10.11 18:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە يېنىك ھالدىكى خورەك ئاۋازىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن. ئەمما، تىببىي ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقىنى بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقان مەزگىلدىكى نەپەسلىنىشىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشى قوشۇلۇپ كەلگەن خورەك تارتىش كېسىلى. چۈنكى، بۇ خىل كېسەل ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، ئۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپ خىل سىستېما ۋە ئەزالار زەخمىلىنىدۇ؛ ئۇ ھەم چوڭ مېڭە ۋە قان سۇيۇقلۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان زىيىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئۇ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ خورەك تارتىش كېسىلى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  تۆۋەندىكى سەككىز ئەپچىل چارە بىلەن خورەك تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  1. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك.

  2. ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش لازىم. تاماكا چېكىش نەپەس يولىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ھاراق ئىچىش بولسا، خورەك تارتىش ۋە كېچىسى نەپەسلىنىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى ھەمدە تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى دېگەنلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ. دىماق ۋە يۇتقۇنچاق قىسمى راۋان بولغاندىلا، خورەك ئاۋازى يېنىكلەيدۇ.

  3. سېمىز كىشىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاكتىپ ھالدا يېنىكلىتىشى ۋە ھەرىكەتنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇنىڭدا، بەدەن ئېغىرلىقىنى %5تىن %10كىچە يېنىكلىتىپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  4. خورەك تارتىش كېسىلى بار بىمارلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا دائىم يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى، يۈرەك سوقۇش رېتىمسىز بولۇش، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىش دېگەندەك نۇقسانلار پەيدا بولىدۇ، ئۇلاردا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئۇنداقلار قان بېسىمىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىش كېرەك.

  5. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىنچلاندۇرۇش دورىسى ۋە ئۇيقۇ دورىسى دېگەنلەرنى ئىشلەتمەسلك كېرەك، چۈنكى، ئۇ خىل دورىلار نەپەسلىنىش مەركىزىنىڭ تەڭشىشىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

  6. ئۇخلىغاندا چوڭ تىل، يۇمشاق تاڭلاي ۋە كىچىك تىل قاتارلىق ئەزالار بوشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەزالار ئارقىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ، بۇ خىل ھالەت يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلىغاندا يانچە يېتىپ ئۇخلاش، بولۇپمۇ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىش كېرەك. ئۇخلىغاندا دۈمبە قىسمىغا بىر كىچىك توپ قىستۇرىۋالغاندا، يانچە يېتىپ ئۇخلاش ھالىتىنى مەجبۇرىي ساقلاشقا پايدىلىق.

  7. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى بىمارلار يۇمشاق يېمەكلىكنى ئاساس قىلىشى، قىززىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  8. خورەك تارتىش كېسىلى بار بىمارلار يەنە زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ھەمدە دىماق بوشلۇقى توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر