باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى تۇنجى تاشيول ئۆزگەرتىش تۈرى ئۈستىدە رەسمىي كېلىشىم ئىمزالاندى

2017.10.12 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى (شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى) بىلەن ئۇكرائىنا دۆلەتلىك تاشيول ئىدارىسى 10- چېسلا كىيېۋدا ئۇكرائىنادىكى ئىككى قاتناش غول يولىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى توختامغا رەسمىي ئىمزا قويۇشتى. بۇ، جۇڭگو-ئۇكرائىنا تاشيول قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تۇنجى ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ، جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ئۇكرائىنا تاشيول قۇرۇلۇشى بازىرىغا تۇنجى قېتىم كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەزكۇر توختامغا ئاساسەن، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى ئۇكرائىنا M03 ۋە M12 تاشيولىنىڭ ئىككى يول بۆلىكىدە كېڭەيتىش ۋە رېمونت قىلىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدۇ. مەزكۇر تۈردىكى يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 124 كىلومېتىر كېلىدۇ، توختامنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 96 ئامېرىكا دوللىرىغا توختىدى. مەزكۇر تۈر 2018- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىش باشلاش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ يول يۈرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر