باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا خادىملىرى ۋە بانكا مۇلازىمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ «چاتما» ئالدامچىلىق قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

2017.08.25 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىچىدىكى تور ئالدامچىلىقىنى پاش قىلىش سۇپىسى — ئوۋچى تور سۇپىسى 23- ئاۋغۇست سەمىگە سېلىش سىگنالى بېرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر توردا مال سېتىۋېلىشتىكى بىر داڭلىق سۇپىدىن تۇيۇقسىز بىر تېلېفون كېلىپ، كەلگەن شۇ تېلېفوندا مۇنداق دېسە، يەنى، خىزمەتچى خادىملار سىزنى ئۇقۇشماستىن ۋاكالەتچى قىلىپ قويۇپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۇتۇپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ۋاكالەتچىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز، سىز بىزگە بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى تەمىنلەپ بېرىشىڭىز كېرەك بولىۋاتىدۇ، دېسە، بۇ بەلكىم ئالدامچىلار مۇلازىمەتچىلەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

  8- ئاينىڭ 12- كۈنى، ۋۇ ئەپەندىگە بىر ناتونۇش تېلېفون كېلىپ قالىدۇ. شۇ تېلېفوندا قارشى تەرەپ ئۆزىنى سۇنىڭ شىركىتىنىڭ خادىمى، دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خاتا مەشغۇلات قىلىپ سالغانلىق سەۋەبىدىن، ۋۇ ئەپەندىنى ۋاكالەتچى سودىگەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ۋۇ ئەپەندىدىن ھەر ئايدا 1000 يۈەن ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەزكۇر ئالدامچى ۋۇ ئەپەندىنىڭ بىر بانكا كارتىسى نومۇرىنى تەمىنلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق قىلغاندا، مەزكۇر بانكىنىڭ ۋۇ ئەپەندىگە ۋاكالەتچىلىكنى بىكار قىلغانلىق ھەققىدىكى بىر ھۆججەت تالونىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋۇ ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە بىر قاتناش بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرىنى ئۇنىڭغا تەمىنلەپ بېرىدۇ.

  مەزكۇر تېلېفوندىكى گەپ تۈگەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۆزىنى قاتناش بانكىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى دەۋالغان بىر خېرىدارلار مۇلازىمەت خادىمى ئۆزىنىڭ سۇنىڭ شىركىتى خادىمىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ۋۇ ئەپەندىنىڭ بانكا كارتىسى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۆزىنى «قاتناش باكىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى» دەۋالغان ئۇ ئالدامچى ئالدى بىلەن ۋۇ ئەپەندىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى خالىغان بىر ATM ماشىنىسىدا كارتا ئىچىدىكى قالدۇق سوممىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ئېتىدۇ. ئاندىن، ئاپتوماتىك ھالدا پۇل تۇتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋۇ ئەپەندىنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئېيتىدۇ. ئارقىدىنلا ۋۇ ئەپەندىنىڭ كارتىسىنى ۋاقتىنچە «توڭلىتىپ قويۇشى»نى ئېيتىدۇ.

  ۋۇ ئەپەندى بۇنى ئانچە چۈشەنمىگەنلىكتىن، قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ. قارشى تەرەپ ۋۇ ئەپەندىنى بىر «قوشۇمچە كود» بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋۇ ئەپەندى ئۇ «قوشۇمچە كود»نى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالىدۇ. تاپشۇرۇۋالغان ئۇ قىسقا ئۇچۇردا پۇللارنىڭ باشقا بانكىغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ۋۇ ئەپەندى شۇندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

  قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا خادىملىرى ۋە بانكا مۇلازىمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ «زەنجىرسىمان ئالدامچىلىق» بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئوۋچى تور سۇپىسى تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىدۇ: ئۆزىنى مەلۇم سۇپىنىڭ خادىمى دەيدىغانلارغا يولۇققاندا، دەرھاللا ئورگان تورىدىكى خېرىدارلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق، شۇ مۇلازىمەتچىنىڭ سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈرۈڭ؛ كەلگەن ناتونۇش تېلېفوندىكى كىشىگە ئۆزىڭىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئېيتماڭ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قارشى تەرەپنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىنى كىرگۈزمەڭ؛ تور بانكا مەشغۇلاتىغا قارىتا بىرەر گۇمانىي سوئالىڭىز بولسا، ياكى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان، كۆرۈپ باقمىغان كەسپ بولسا، چوقۇم بانكىنىڭ ئورگان تەرەپ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ بانكا ھېساباتىغا تاق كۈنلۈك پۇل يۆتكەش چېكى بەلگىلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ زور زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر