باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئائىلە بەختىنىڭ شىپالىق رېتسىپىلىرى

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلىدە ئۇششاق ـ چۈششەك زىددىيەتنىڭ بولۇپ تۇرۇشى تۇرغانلا گەپ، شەيئىلەر زىددىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ، ئائىلىمۇ زىددىيەت ئىچىدە گۈللىنىدۇ ياكى زاۋال تاپىدۇ. ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ ئائىلىڭىزنى گۈلدەك تۇتامسىز ياكى خانىۋەيران قىلىپ گۆدەكلەرنىڭ كۆزىنى ياشلامسىز. مەنچە بۇ ھەر ئىككىلا تەرەپكە باغلىق. ئەگەر ئىككىلا تەرەپ سەۋەنلىكنى ئۆزىدىن ئىزدەپ تۈزىتىشكە ھەرىكەت قوللانسا مەنچە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەختلىك ئائىلەر بولماس. تۆۋەندە مەن نىكاھتىن ئىبارەت بۇ خسىلەتلىك باغقا قەدەم باسقاندىن كېيىنكى ئىناق ـ ئىجىللىقتا كەم بولسا بولمايدىكەن، ـ دەپ ھېس قىلغان بىر قانچە تەرەپلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم

  بىرىنچى: كەڭ قۇرساق بولۇڭ

  كەڭ قۇرساقلىق بەختلىك تۇرمۇشتا مۇھىمنىڭ مۇھىم بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئايال، ئانا بولغۇچى چوقۇم كۆڭلى – كۆكسىنى كەڭ تۇتالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەرلەرنىڭ ئاچچىقى ئاسان كىلىدۇ، ئاسان يانىدۇ. بەزىدە كىچىككىنە ئىشلار مەسىلەن: قاچىنى ۋاقتىدا يۇيمىدىڭ، ئەخلەتنى تۆكمەي پاشا قايناتتىڭ، ـ دەيدىغان ئىشلارنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ سىرتتىكى زەربىلەردىن ئالالمىغان ئاچچىقىنى سىزدىن ئالىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىز ھەرگىزمۇ سەنمۇ ئۇنداق، سەنمۇ مۇنداق دېمەي، خاپا بولماڭ، مانا ھازىرلا تۆكۈۋىتەي دەپ بىر چىرايلىق جىلمىيىپ قۇيۇپ ئۇنىڭغا ئاچچىقىنى بېسىۋىلىشقا ۋاقىت قالدۇرۇڭ، ئەخلەت تۆكۈش بانىسىدا ئەتراپنى ئايلىنىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بوش قالغان قەلبىڭىزنى ۋاقىتلىق تولدۇرۇڭ. ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ياخشىلانغان ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، سىزمۇ ئىچىڭىزدىكىنى سىلىقلىق بىلەن ئېيتىپ، نارازا بولۇپ قالغانلىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، قارشى تەرەپ بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى خىجىل بولۇپ كەمچىللىكىنى تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  ئىككىنچى. مېنى ئۇرغان مۇشۇ قولىڭىزنى سىلاپ قۇياي دېيىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

  مۇبادا ئىككىڭلارلا ئاچچىقىڭلارنى باسالماي ۋارقىرىشىپ كەتكەن چىغىڭلاردا يولدىشىڭىز قولىنى كۆتۈرگەندە ھەرگىزمۇ ئالدىغا دىۋەيلەپ بېرىپ، ـ نوچى بولساڭ ئۇرە، ـ دەپ ئۇنىڭ غۇرورىغا تەگمەڭ، ئەگەر سىز شۇنداق قىلسىڭىز تۇنجى كاچات تېگىپ كەتسە، ئىككىنچى قېتىم، ئۈچىنچى قېتىم تېگىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ. كىچىكىمدە بىز پەرزەنتلەر ئۇرۇشۇپ قالساق دادام دائىم «مېنى ئۇرۇپ ئاغرىپ كەتكەن قولۇڭنى سىلاپ قۇياي» دەپ ئۇرۇۋالغىنىڭلارنىڭ قولىنى سىلاپ قويساڭلار كىيىن ھەرگىزمۇ سىلەرگە قول تەككۈزەلمەيدۇ دەيدىغان. مۇبادا يولدىشىڭىز ئۆپكىسىنى باسالماي سىزنى بىر كاچات سالسا، سىز ئاجايىپ زور غەيرەت بىلەن يۈزۈم شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتكەندە، قۇلىڭىز قانچىلىك ئاغرىپ كەتكەندۇ دىيەلەمسىز؟ ئويلاپ بىقىڭ ئەگەر شۇنداق دىيەلىسىڭىز قارشى تەرەپ نورمال ئادەم بولسىلا قاتتىق خىجالەتتە قالىدۇ ۋە تېشىغا چىقارمىسىمۇ سىزگە ئوخشاش ياخشى ئايالىنى ھەرگىزمۇ ئۇرماسلىققا ئۆزىگە قايتا – قايتا ۋەدە بېرىدۇ. ئەگەر بۇنى قىلالماي، چوڭ ئۆيگە قايتىپ بىر مەزگىل تۇرۇشنى ئويلاپ قالسىڭىز، ئاۋال سىرتقا چىقىپ كېتىڭ، كىيىن قايتىپ كىلىپ، يولدىشىڭىزنىڭ كىيىم -كېچەكلىرىنى يۇيۇپ، دەزماللاپ رەتلەڭ، ئاندىن بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ ئۆزىنى قانداق ئاسرىشىنى، توڭلاتقۇغا نېمە تاماقلارنى ئىلىپ قويغانلىقىڭىزنى، مۇبادا دورىسى بولسا قانداق ئىچىشلىرىدىن تارتىپ ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىپ، بوغجۇمىڭىزنى ئىلىپ ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، شۇ چاغدا ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا خاتالىقىنى تونۇغىلى كەينىڭىزدىن پايپاسلاپ يېتىپ بارىدۇ.

  ئۈچىنچى؛ يولدىشىڭىز بىلەن قېرىشماڭ، كۈندەشلىك قىلىشىنى ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىڭ

  نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللىرىنىڭ ئىدارىكىلەر بىلەن بىللە نەچچە كۈنلۈك ساياھەتكە چىقىشىنى، ياكى ئولتۇرۇشلارغا بېرىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب ئەر كىشىدىكى كۈنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ رولى، مەنچە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ شۇنداقلا رېئاللىقتىكى توسۇشنىڭ بولۇشى ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش بولۇپ بۇ جەمئىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى توسۇشتا بەلگىلىك تۆھپىسى بار. بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر مۇمكىن بولسا يولدىشىڭىزنى بىرگە بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ، مۇمكىن بولماي قالسا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇپ، سىزنى بىر ئارام ئالغان كۈنى شۇ يەرگە ئاپىرىشقا ۋەدە ئىلىۋىلىڭ ۋە خۇشال چاغلاردا ۋەدىسىنى ئەسكە سىلىپ تۇرۇڭ. شۇ چاغدا چوقۇم ھېس قىلىسزكى، ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىش ئىدارىدىكىلەر بىلەن بىرگە ساياھەتكە چىقىشتىن نەچچە ھەسسە كۆڭۈللۈك.

  تۆتىنچى: كەچۈرۈم سوراشنى بىلىڭ ۋە بەختىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۇرىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ

  خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز ئاكتىپلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراڭ، خاتالىقىڭىزنى ھېس قىلغاندا ياكى قارشى تەرەپ سىزنى ئەسكەرتكەندە سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراپ، بۇنىڭدىن كىيىن تىرىشىپ تۈزىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ۋە ئەمەلىيىتىڭىزدە كۆرسىتىڭ. مۇبادا ئادەتتىكى دوستلىرىڭىزدىن، خىزمەتداشلىرىڭىزدىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىڭىز ئۇنىڭغا بۇ بەختلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ ئۇنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇڭ.

  بەشىنچى: چوقۇم تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ


  يۈرەككە بارىدىغان يول گالدىن باشلىنىدۇ ـ دەيدىغان بىر ماقال ـ تەمسىل بار دەيتتى بۇرۇن ئوقۇتقۇچىمىز، سىز چوقۇم ئېرىڭىزنىڭ ئىشتىھاسى، سالامەتلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، كونىلاردا «بىر كۈن تاماق ئېتىلمىگەن ئۆيدىن دوزاقنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ»دەيدىغان بىر گەپ بار ئىكەن. يولدىشىڭىز سىرتتا تاماق يېيشىكە خۇشتار بولۇپ قالسا سىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ، خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ بىر قېتىمدا جىققىنە ئېتىۋىلىپ، سىزنىڭ ئىسسىققىنە تامىقىڭىزغا ئىشتىھا ساقلاپ كەلگەن ئېرىڭىزگە شۇنى ئىسسىتىپ بەرسىڭىز، ئەلۋەتتە سىرتتىكى تاماققا ئۆگىنىپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەر ـ ئايال، بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ يېگەن ئۆي تامىقىنىڭ تەمى باشقىچە بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەيلى قانچىلىكلا ئالدىراش بولماڭ، يولدىشىڭىز ئۆيدە تاماق يەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا قىلچە ئېرىنمەي دېگىنىنى قىلىپ بېرىڭ.

  ئالتىنچى: رومانتىك مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىنو ـ فىلىملەرنى كۆپ كۆرمەڭ

  ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىياتقا باي، ئىنچىكە كېلىدۇ، ئەرلەر بۇ جەھەتتە سەل بىپەرۋا كېلىدۇ. مەسىلەن: بەلكىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى، توي خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغاندا خاپا بولۇپ ياش تۆكسىڭىز ئۇ بەلكىم مەڭگۈ ياش تۆكىشىڭىزنىڭ سىرىنى بىلەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇنداقلا ياش تامچىلىرى ئايالىم كۆزىنى يۇمسىلا چىقىۋېرىدۇ دەپ يىغىڭىزغا سەل قارايدىغان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، مەنچە ئەگەر راستىنلا يولدىشىڭىز توي خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، سىز سەمىمىيلىك بىلەن يولدىشىڭىزنى سىرتقا تاماققا تەكلىپ قىلىڭ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىڭ. مەنچە چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ سىزگە خاتىرىلەپ بېرىش زۆرۈرىيىتى يوق، سوۋغات، بارچە تەييارلىقلارنى كىملار قىلسۇن ئەڭ مۇھىمى ئىككى تەرەپنىڭ خۇشال بولۇشى.

  ئەگەر سىز كورىيە كىنولىرىنىڭ مەستانىلىرى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىنو ـ فىلىملەرنى ئاز كۆرۈڭ، چۈنكى رېئاللىق ھامان پەرقلىق بۇلىدۇ، قارشى تەرەپتىن كۆپ ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇنىڭ بارغانچە ئارزۇيىڭىز بويىچە ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەيپىياتىڭىزنى تېخىمۇ بۇزىۋالىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن كورىيە ئەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت پەرقى، ئەركەكلىككە بولغان تۇنۇشى ئوخشىمايدۇ.

  يەتتىنچى: كۆزىگە كىرىۋالماڭ، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ، ھەر قانداق ئىشنى ئامال بار ياخشى تەرەپكە تارتىڭ

  مۇبادا سىز يولدىشىڭىزنىڭ سىزدىن بىرەر نەرسىنى يۇشۇرغانلىقىنى ياكى ھەرىكەتلىرىنىڭ سەل بىنورماللىقىنى ھېس قىلىپ قالسىڭىز ھەرگىزمۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە كىۋىلىپ ئۇنى دەپ بېرىشكە قىستىماڭ، ئىچىڭىزدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسىڭىزمۇ يالغاندىن كۆز قىرىڭىزنىمۇ سالمىغان قىياپەتكە كېرىۋىلىڭ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ تۈزۈشتۈرۈپ، خىزمىتىڭىزنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ.

  ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى جىق قىلىپ يولدىشىڭىزنىڭ غۇرورىغا تەگمەڭ. پۇل ئەرنىڭ غۇرورى دېسەك ئارتۇقچە كەتمەس دەپ ئويلىمايمەن، ئەرلەر ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى، ئائىلىدىكى ئورنىنى كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارتالايدىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ. مۇبادا يولدىشىڭىزنىڭ تىجارىتى كەينىگە چىكىنگەن بولسا ئېنىقكى، ئۇ سىز دېمىسڭىزمۇ ئاللىقاچان بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاپ ھەتتا ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغلاردا ھەرگىزمۇ ئېرىڭىزگە قىممەت پۇللۇق كىيىم، تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ گېپىنى قىلماڭ، ئەكسىچە، ئۇنىڭغا كىملەرنىڭ قانداق ۋەيران بولغاندىن كىين بىيىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ يولدىشىڭىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلىڭ.

  سەككىزىنچى: ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، سۆيۈنگەن چاغلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ قويۇڭ

  ئەگەر يولدىشىڭىز سىزنى بىر كاچات ئۇرغان بولسا، مۇشۇ كاچاتقا ئەگىشىپ كېلىدىغىنى تاتلىق ھېسلار بولماستىن بەلكى يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار تۇرمۇش كارتىنىڭىزدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز ۋەقەلىكلەرنىڭ بولۇشى چوقۇم. بىردەملىك ئاچچىقتا سىز يولدىشىڭىزدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزۈسىز، ئۆزىڭىزنى ئۇنى تاللاپ توغرا قىلغانلىقىڭىزغا ھەرگىزمۇ قايىل قىلالماي، ئاچچىق ياشلىرىڭىز بىلەن «بەخت» سۆزىنى يۇيىسىز.

  مۇشۇنداق ۋاقىتتتا بىرەر دوستىڭىزنى تىپىپ پاراڭلاشسىڭىز ئەلۋەتتە ئېچىڭىز بوشاپ قالىدۇ، لېكىن بىزدە «ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئاچچىقىڭىزدا يولدىشىڭىزنىڭ شەخسىيىتىگە چىتىلىدىغان بەزىبىر گەپلەرنى ئاشكارىلاپ، ئۇنى ئورۇنسىز كۆپتۈرۈپ قارىلاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەنچە بۇ ھەرگىزمۇ تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ قىلىقى ئەمەس. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۇنىڭ سىزنى سۆيۈندۈرگەن چاغلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇپ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا مۇشۇنداق قۇرلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ، سەل پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن خاتالىقنى ئاۋال ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ، ھەل قىلىش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېشىڭىزنى سۈرتۈپ، دەس تۇرۇڭ! شۇ چاغدا سىز بەختتىن قاچسىڭىزمۇ بەخت سايىڭىزگە ئوخشاش كەينىڭىزدىنلا يۈرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر