باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى(4)

(2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

2017.11.06 08:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۆز- ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق نۇسخا)»نى تۈزۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى تۈزۈم رامكىسىغا سېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردۇق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدا ئەزالىق كارتىسىنى قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدۇق ۋە ئاشكارىلىدۇق. كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھەم جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش، كادىرلارنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ چەت ئەل (چېگرا سىرتى)گە كۆچۈپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈردۇق ۋە دوكلات قىلغان ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئۇدۇللاشتۇردۇق. «تۆمۈر سوقۇشتا بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك» دېگەن مەخسۇس فىلىملەرنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ توۋانامىسىنى بېسىپ تارقاتتۇق. تەكشۈرۈش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «بىر دېلونى ئىككى تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز قوشۇنىمىزنى قەتئىي تازىلاپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدىغانلارنى كەسكىن يۆتكىۋەتتۇق. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى 22 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، 24 ئادەمنى تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشىدى، 232 ئادەم بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردى؛ مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى جازالىدى، 7600دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى، 11 مىڭ ئادەم بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ياردەملىشىپ تاۋلاندى ۋە سىناقتىن ئۆتتى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش قىياپىتى يېڭىلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قىممەت يېتەكچىلىكى تىكلەندى؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، خەلق ئاممىسى ئىستىل قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى بىردەك ئالقىشلىدى؛ چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشى كۈچلۈك تىزگىنلەندى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندى، مۇستەھكەملەندى ھەم زورايدى، پارتىيەمىز ئىنقىلابىيلىقنى يېتىلدۈرۈش داۋامىدا قايتا باش كۆتۈرۈپ، يېڭى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەمىزنىڭ قىياپىتىنى تامامەن يېڭىلاپ، پارتىيە قەلبى ۋە خەلق قەلبىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق.

  نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە ۋەزىيەت ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىت يەنىلا مەۋجۇت، ساقلانمىنى تۈگىتىپ، كۆپەيمىنى توسۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ھېلىھەم ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش، سىياسىي ئېكولوگىيەگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پاسسىپ ئامىللار تېخى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىلغىنى يوق، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماي تاشلاپ قويۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچىمەسلىك مەسىلىلىرى تېخى تەلتۆكۈس ھەل بولغىنى يوق، بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى جايىدا، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرمايۋاتىدۇ، بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش يوشۇرۇن خەۋپى ھېلىھەم مەۋجۇت. بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى كەمچىل، بېسىم قىلىشتا قاتلاممۇقاتلام ئاجىزلاش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا چىرىكلىك مەسىلىلىرى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بولۇپمۇ بىرىنچى خىل ھالەتنى ياخشى تەتبىقلاپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى ئىستىلدا تەلەپچان ۋە راستچىل ئەمەس، ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەسى ۋە سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى جىددىي ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئاز ساندىكى كادىرلار تەكشۈرۈش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ، ئارىغا ئادەم قويۇپ دېلونى يوق قىلىپ، دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن مەلۇم پەرق ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرگە چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  2. بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت تەسىراتىمىز

  تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىرادە پەزىلىتى قەتئىي، رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بولغانلىقىدىن كەلگەن؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە تولۇق قاتنىشىشىدىن كەلگەن؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل- پاراسىتىدىن كەلگەن.

  بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان بۇرچنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت- مائارىپ قاتارلىق ھەممە ساھەگە، ھەممە تەرەپكە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك، خەلقنىڭ تاللىشى. 1840- يىلىدىن باشلاپ، ھاقارەتلىنىشكە تەن بەرمەيدىغان جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپىرىگە ئاتلاندى، سانسىزلىغان زەكىي زاتلار بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللەت ئازاب- ئوقۇبەتكە پاتقان ئوڭۇشسىز مۇھىتتا دۇنياغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قايتىدىن دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرگۈزدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىدىكى يادنامە ۋە قاپارتما نەقىشلەر − جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى قان كېچىپ كۈرەش قىلغان جاپا- مۇشەققەتلىك مۇساپىسىنى ئېنىق نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ شانلىق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جۇڭگو ئارزۇسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ پۇختا ئاساس سالماقتا. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپى، بۇنى چوقۇم غايە- ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەتنى چىڭىتىشتا، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇشتا، ئادەمنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىشتە، روشەن قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي يېتەكچىلىك تۇرغۇزۇشتا ئىپادىلەش شەرت. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلغاندىلا، پۈتۈن پارتىيەنى ئۇيۇشتۇرغىلى، ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىنى، ئىشىنىشىنى ۋە تايىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتۇپ، پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، پارتىيە ۋە ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى − قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالىمىز ۋە ھەرىكەت قىبلىنەمامىز، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر قىلىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىدىيەمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز شەرت. بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇش − پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەربىر قەدەم تەرەققىياتىغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. پارتىيە نىزامنامىسى بىر قاتار مۇھىم سۆزنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ غايە- ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرى ئىپادىلەنگەن؛ ئۇ دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالى بىلەن زىچ باغلانغان، گەۋدىلىك زىددىيەت، رېئاللىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان؛ ئۇ پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىك تارىخىنى مەنبە قىلغاچقا، «تۆت ئىشەنچ» ھەممە تەرەپتىن نامايان بولدى. بىر قاتار مۇھىم سۆز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر بىلەن، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، يېڭى، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش ئىستىلى پارتىيە ئىستىلىغا چېتىلىدۇ. ئۆگىنىش ئىستىلىنى ھەقىقىي توغرىلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى تېپىپ، ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنى تولۇق، ئىلمىي، توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيە تومۇرى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مەنبەسىنى، بۇ ئىدىيە ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەۋى ئۇسۇل ۋە ئىلمىي روھنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر قىلىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتە مۇھىمى − ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشىمىز، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشىمىز، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭنى ئاشۇرۇشىمىز، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش ھەرىكەت جەريانى، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى مەڭگۈ توختاتماسلىقىمىز، ئىدىيە جەھەتتە ۋە ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يادروغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىرادە ئىشەنچتىن كېلىدۇ، غايە- ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتتىن ئىبارەت سىياسىي روھنى چىڭىتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مىللىي ئىشەنچنىڭ مەنبەسى مەدەنىيەت ئىشەنچىدۇر، يول تاللاشنى تارىخ- مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بەلگىلەيدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئۇزاق تارىختىن داۋاملىشىپ كەلگەن، مەزمۇنغا باي، مول ھەم چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، دۇنيادا بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئاپىرىدە قىلغان. ۋاپادارلىق، قەدىردانلىق، ساداقەت، ئىخلاس، ئەدەپ، ئىنساب، پاكلىق ۋە نومۇستىن ئىبارەت مەدەنىيەت گېنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە قويۇق ئېتىكا مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەت ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈپ، مىللىتىمىزگە قۇدرەتلىك بىرلىك، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئېگىلمەس- سۇنماس پەزىلەت ئاتا قىلغان. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تارىخىي ئەنئەنىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوغا كىرگەن ھەرقانداق تاشقى مەدەنىيەتنى ئەڭ ئاخىرى جۇڭگوچىلاشتۇرۇۋەتكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىغا، تومۇرىغا ۋە روھىي ئىستىكىگە ۋارىسلىق قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىنىڭ داۋامى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش جەريانى − ئۇنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇش، جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلىشىش جەريانىدۇر، مەدەنىيەت ئىشەنچى «جۇڭگو ئالاھىدىلىكى»نىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر. تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە، تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى يىلتىزداشتۇر. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ھەرگىزمۇ غەربلىشىش ئەمەس، بەلكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر، بۇ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پەرق ئەمەس، مەدەنىيەت گېنىنىڭ ئوخشىماسلىقى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر. ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ يوق ئادەمگە كىم ئىشىنىدۇ؟ جۇڭخۇا ئېسىل مەدەنىيىتى مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى، كوممۇنىستلار كۈرەش قىلىدىغان غايە ۋە نىشان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەت ئىستىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئېلىپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدىنى، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى چىڭىتىشىمىز، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىشلىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلىشىمىز لازىم.

  تۆتىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش بىلەن تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. پارتىيە نىزامنامىسى − پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى باش نىزامنامە بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن، ھەربىر ماددىسىغا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن غايە- ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەت كوممۇنىستلارنىڭ «ئەخلاق»ىنى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى كوممۇنىستلارنىڭ «دىلىنى ساپلاشتۇرۇش»نى كۆرسىتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىنلا ئەخلاققا يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ كەلگەن. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا پۇقرالار قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە چېقىلسا بولمايدۇ؛ پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيە ئەزالىرىمۇ ئىنتىزامدىن چەتنەپ كەتسە ھەرگىز بولمايدۇ. يۇقىرى ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز لازىم. ئىنتىزام بىلەن قائىدە ئەخلاقنىڭ كاپالىتى، ئەخلاقنى قەدىرلەپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش بىلەن قائىدىلىك- ئىنتىزامچان بولۇشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم. پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىر- بىرىگە تۈرتكە قىلىش − 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبە، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، ھەم پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى پۇختىلىشىمىز، ھەم تۈزۈم رامكىسىنى چىڭىتىپ، تۈزۈمنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، مۇتلەق چەكلىمىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. قىلچە تەۋرەنمەي يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن باشقىلار قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھادىسىدىن تۈزەشنىڭ نەتىجىلىرىنى ماھىيەتتىن تۈزەش ئارقىلىق مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز لازىم.

  بەشىنچى، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش − پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس فاڭجېنى، ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاپ، ئاز سانلىقلارنى جازالاپ، كۆپ سانلىقلارنى تەربىيەلىشىمىز لازىم. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرغان ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنى جازالاپلا قالماي، پۈتۈن پارتىيەنى چىڭ ئىنتىزام ئارقىلىق باشقۇرۇشىمىز ۋە ئىدارە قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە قائىدىسى ۋە ئىنتىزامىنىڭ دۆلەت قانۇنىدىن چىڭ بولۇشىنى پارتىيەنىڭ ئاۋانگارتلىق خاراكتېرى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى بەلگىلىگەن، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى لازىم. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئالدى بىلەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدۇ. ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان تۈزەتسەكلا سەۋەنلىكنىڭ خاتالىققا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى − پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغدايدىغان سىياسىي ئورگان، ئۇ پارتىيە ئىچىدىكى «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىسى»گە ئوخشىمايدۇ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش − سىياسىي خىزمەت، ئۇنىڭدا ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەنى نامايان قىلىشىمىز لازىم. خاتالىق ئۆتكۈزگەن يولداشلارنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن تەربىيەلىشىمىز، تەسىرلەندۈرۈشىمىز، غايە- ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەت بىلەن ئېڭىنى ئويغىتىشىمىز، ئۇلارغا ئېتىقادى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز لازىم. سىياسەت ۋە تاكتىكا − پارتىيەنىڭ ھاياتى؛ نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ «تۆت خىل ھالىتى» پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىياسەت ۋە تۇتقا بىلەن تەمىنلىدى. ئىشەنچنى نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئىشەنچ − ئالدىنقى شەرت، نازارەتچىلىك − كاپالەت. دائىملىق باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى خىل ھالەتنى تەتبىقلاشقا باش قاتۇرۇپ، ئىنتىزامسىزلىقنىڭ بىخلىرىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا سىردىشىپ سەمىگە سېلىشىمىز، مەسىلە ئىنكاس قىلىنغان ھامان كەسكىن ۋە ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، بىرىنچى خىل ھالەتكە ياتىدىغان ئەھۋاللاردا كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش- ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇشىمىز، كىچىكىدىن تۇتۇشىمىز، ھە دېگەندىلا دەشنەم بېرىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىمىز لازىم. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان يولداشلارنى قاتتىق تەنقىدلەپ ۋە ئۇلارغا تەربىيە بېرىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم قىلىپ، خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلغانلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەتراپلىق نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. «دەرەخ» بىلەن «ئورمان»نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى تەتبىقلاپ، «قىزارتىش، تەرلىتىش»نى نورماللىققا ئايلاندۇرۇش؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلاردىن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازالىنىدىغان ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشىلىدىغانلار كۆپ سانلىق بولۇش؛ پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئېغىر جازالىنىدىغان ۋە ۋەزىپىسى زور دەرىجىدە تەڭشىلىدىغانلار ئاز سانلىق بولۇش؛ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرۇپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز سانلىق بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر