باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى(2)

(2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

2017.11.06 08:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەكىل ۋە ئۇسۇلنى يېڭىلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئامما نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈردۇق. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، كۆزىتىش ئوبيېكتى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت «ئۈچ مۇقىم بولماسلىق»نى يولغا قويۇپ، مەسىلىنى نىشانلاپ بېرىپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. دائىملىق كۆزىتىش بىلەن مەخسۇس كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كۆزىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئادەم، نۇقتىلىق ئىش، نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى جانلىق، توغرا بايقىدۇق. سىياسىي ساۋاتتىن سىناق ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارخىپى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، پارتىيە بەدەل پۇلى يىغىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىگىلەپ، شەپىسىدىنلا يۆنىلىشىنى بىلىپ، ھادىسىدىن ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، سىياسىي «مىكروسكوپ» ۋە «پىروژېكتور»لۇق رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 1 مىليون 590 مىڭ پارچە ئەرزىيەت تاپشۇرۇۋېلىپ، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن 53 مىڭ ئادەم (قېتىم) سۆھبەتلەشتى.

  ھەربىر مەسىلىنى تۈزىتىش، ھەربىر پارچە خەتنىڭ جاۋابى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى جاۋاب قايتۇرۇشقا قاتنىشىپ، تۈزىتىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم قىلىشنىڭ جاۋابكارلىقتىن قاتلاممۇقاتلام باش تارتىشقا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ۋە كۆزىتىش ئىشخانىسى مەخسۇس دوكلاتتىن 230 نى تەييارلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبەرلەرگە كۆزىتىش ئەھۋالىدىن 59 قېتىم مەلۇمات بەردى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھات ئىشخانىسىغا مەخسۇس دوكلاتتىن 89نى سۇنۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تاپشۇرۇۋالغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئالدىن بېجىردى. تۈزىتىش ئەھۋالىنى پارتىيە ئىچىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى.

  كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەملىكەت بويىچە «بىر تاختا شاھمات» قىلىپ شەكىللەندۈردۇق. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ھەققىدىكى سۆزىنى مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتتۇق. ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار كۆزىتىش خىزمىتىدە تولۇق قاپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، شەھەر- ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، مەركەزدىكى 67 ئورۇن كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ، مەركەز كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشتە يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى.

  (5) ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇردۇق

  ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئىنتىزامنى چىقىرىپ ۋە چىڭىتىپ، جايىدا ئىجرا قىلدۇق. ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئىنتايىن ئاز سانلىقلارنى جازالاش»تىن «كۆپ سانلىقلارنى باشقۇرۇش»قا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزدۇق، قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ تۆۋىنامىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئاساس قىلىپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن دائىملىق نازارەتچىلىك- ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىشكە بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئورگانىزمىنى ساپلاشتۇردى.

  سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرلىكىنى قوغدىدۇق. مەركەزنىڭ روھىغا خىلاپ گەپ- سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋە قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۆزگە ئىلمايدىغان «يەتتە خىل قىلمىشنى سادىر قىلغانلار»نىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ھوشيارلىقى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇق. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا سىياسىي ئىنتىزامنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات ياراتتۇق. سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى كۆزىتىش ۋە ۋاكالەت نازارەتچىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن پارتىيەگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر 15 مىڭ دېلونى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ، 15 مىڭ ئادەمگە جازا بەردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىردىن 112سى بار.

  «دەرەخ» بىلەن «ئورمان»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى تەتبىقلىدۇق. يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش، سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈشتىن دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاش، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش دوكلاتىنى تەييارلاشقىچە بولغان ھالقىلاردا پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم قىلىشتا، ئىنتىزامغا خاس سۆز- ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەشتە چىڭ تۇردۇق. ئەرزىيەت ئارقىلىق پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت ۋەزىيىتىنى قەرەللىك تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغان يىپ ئۇچىنى ئاشكارىلاپ، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ماتېرىيالنى ۋاقتىنچە ساقلاش، يەكۈن چىقىرىپ تۈگىتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق. بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايقىغان بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش، ئىنكاس قىلىنغان ئادەتتىكى مەسىلىلەردە ۋاقتىدا سۆزلىشىپ سەمىگە سېلىش، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش، ئۆزى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش، تۇرۇشلۇق پارتىيە كومىتېتى (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ شۇجىسىغا ئىمزا قويدۇرۇش يولىنى تۇتتۇق؛ ئەينەن چۈشەنچە بەرگەنلىرىنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ، يەكۈن چىقىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈلگەن كىشىگە ئەھۋالنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى قايتما ئىنكاس قىلىپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدۇق؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بارلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئاساسىي پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرى، جەريانى ۋە خاتالىقىنى تونۇش، توۋا قىلىش پوزىتسىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە كۆزدە تۇتۇپ، تەنقىد- تەربىيە بېرىپ، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى نامايان قىلدۇق. 2015- يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلدە كۆرسەتتى، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇردى ۋە ئىدارە قىلدى، جەمئىي 2 مىليون 48 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ تەنقىد- تەربىيە بەرگەن، سۆھبەتلەشكەن، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈلگەنلەر 955 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %46.7نى ئىگىلىدى، قىزارتىش، تەرلىتىش نورماللىققا ئايلاندى؛ ئىككىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازالانغانلار، تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەلگەنلەر 818 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %39.9 نى ئىگىلىدى، ئۈچىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئېغىر جازالانغانلار، ۋەزىپىسى زور دەرىجىدە تەڭشەلگەنلەر 156 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %7.6نى ئىگىلىدى، ئىنتىزامنىڭ سۈرى كۈچلۈك قوغدالدى؛ تۆتىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ، ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرۇپ، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلگەنلەر 119 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %5.8نى ئىگىلىدى، پارتىيەدىن قوغلاپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلەر ھەقىقىي تۈردە ئىنتايىن ئاز سانلىققا ئايلاندى.

  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغدىدۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتىن باشلاپ تۇتۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى ئاساس قىلىپ، «تۆت ئاڭ» بويىچە ئۆلچەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇش جەھەتتە پەرق بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. دىققەتنى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي پوزىتسىيە ۋە سىياسىي يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق روشەن سىياسىي يۆنىلىش تۇرغۇزدۇق.

  نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆتكەلنى، پاكلىق ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىدۇق. ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى باشتىن- ئاخىر كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پىكىرگە جەزمەن قۇلاق سېلىشى، ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان كونكرېت يىپ ئۇچى بار مەسىلىنى جەزمەن تەكشۈرۈشى شەرت» دېگەن تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مەسىلىسى بارلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىپ، پاكلىقىغا داغ تەگكۈزۈۋالغانلارنى قەتئىي چىقىرىپ تاشلاپ، «چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش»، «چاتاق كادىرنى ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئالدۇق. مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىرلار، ئۆلكىلىك پارتكوم باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇردۇق، مۇھىم ئورۇندىكى بىرىنچى باشلىقلار ۋە زاپاس كادىرلارنىڭ پاكلىق ئارخىپى ئامبىرىنى قۇرۇپ، جانلىق يېڭىلاپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىغا دائىر پىكىرگە جەمئىي 6631 ئادەم (قېتىم) جاۋاب قايتۇردى. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە شەھەر- ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مەنبەدىن پاكلىدۇق.

  (6) چوڭىغىمۇ، كىچىكىگىمۇ تېگىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى شەكىللەندۈردۇق، مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق

  ۋەزىيەتكە سوغۇققانلىق بىلەن سەگەك ھۆكۈم قىلىپ، مەيدان- يۆنىلىشنى چىڭىتتۇق. چىرىكلىك پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىدۇ، خەلق ئاممىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1993- يىلىدىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن «ھېلىھەم كەسكىن» دېگەن سۆزگە يەنە «مۇرەككەپ» دېگەن سۆزنى قوشۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرغاندىلا پارتىيەنى گۈللەندۈرگىلى، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەرنى جەزمەن تازىلاش، بوشلۇق قالدۇرماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قىلچىمۇ يول قويماسلىقنى تەكىتلىدى. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش بايرىقىمىز، مەيدانىمىز باشتىن- ئاخىر قەتئىي بولدى. چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش نىشانىمىز، ۋەزىپىمىزدىن ئەزەلدىن تەۋرەنمىدۇق.

  چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، داۋاملىق قاتتىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈردۇق. سىياسىي چىرىكلىك بىلەن ئىقتىسادىي چىرىكلىك ئۆزئارا گىرەلىشىپ مەنپەئەت گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. جۇ يۇڭكاڭ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ سىياسىي قارا نىيىتى كۈچىيىپ، سۇيىقەستلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋاقتىدا سېزىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ قارانىيەتچىلەر، سۇيىقەستچىلەرنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، زور سىياسىي يوشۇرۇن ئاپەتنى تۈگەتتى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زور چىرىكلىك مەسىلىسىنى كەسكىن، توغرا ئېنىقلاپ چىقىپ، دېلوغا چېتىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلار تارقاتقان زەھەرنىڭ تەسىرىنى تولۇق تازىلىدى. جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىن چوڭقۇر ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. سىياسەتنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 18- قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ قىلمىشىنى توختاتمىغان، قولىنى تارتمىغانلار، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يىپ ئۇچى مەركەزلىك، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلار، ھازىر مۇھىم خىزمەت ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ھەمدە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بار رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدىغانلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق. پىرىنسىپ ۋە ئىنتىزامنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، ئاستىرتىن ھەدەپ ھوقۇق- پۇل سودىسى قىلغان، سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزگەن تىپلارنى، قارىماققا غايە- ئېتىقادى چىڭدەك تۇرغان بىلەن، ئاستىرتىن ئۇستاز تۇتۇپ، دەرمە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ماركسىزم- لېنىنىزمغا ئىشەنمەي جىن- شاياتۇنلارغا ئىشەنگەن تىپلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق.

  مەۋقەنى تەربىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىشقا قويۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ سىياسيلىقىنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىشتىكى بىرىنچى دەرس قىلىپ، تەكشۈرۈلگۈچىگە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى قايتا ئوقۇتۇپ، غايە- ئېتىقاد ئارقىلىق تەربىيەلەپ، ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قايناق يىللاردىكى ئەسلىمىسىنى ئېسىگە سېلىپ، ئۇلارغا خاتالىقىنى تونۇتقۇزۇپ، تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازغۇزۇپ، پارتىيە ئالدىدا ھەقىقىي توۋا قىلدۇردۇق. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلىپىدە ھوشىنى تاپالمىغانلارغا تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، ھوشىنى تاپقۇزۇپ، تەشكىل ئىگىلىمىگەن مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھەربىر توۋىنامە تارىخنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى بولۇپ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىدىيەسىدىكى بۇرۇلۇش ياساش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ مەسىلىگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان جاسارىتىنى ۋە ئۆزىنى ئۆزى پاكلاش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

  ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسى بويىچە نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 263 مەسىلىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، 42 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىدى. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەۋقەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە قويۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈردى، دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلدى. تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «كۆپ خىيانەت قىلغان كىچىك ئەمەلدار»لارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، «شىلىۋېلىش»، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش، تالان- تاراج قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش پۇل- مېلىغا قول سالغانلارنى قاتتىق جازالىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سان ئويۇنى ئوينىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىپەزلىك قىلغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي، پۇختا ئىشلىمىگەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى راست بولمىغان، بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەتمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. 2014- يىلىدىن بۇيان، قالايمىقان ئىش قىلغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئاساسىي قاتلامدىكى 32 مىڭ پارتىيەلىك كادىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. بەش يىل مابەينىدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرىدىن 278 مىڭنى جازالىدى.

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلگەن ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىر ۋە مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان باشقا كادىر 440قا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىدىن 43ى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسىدىن توققۇزى بار. مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 12 مىليون 186 مىڭ پارچە (قېتىم) ئەرز قوبۇل قىلىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 2 مىليون 674 مىڭ پارچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 1 مىليون 545 مىڭ دېلو ئېچىپ، 1 مىليون 537 مىڭ كىشىگە چارە كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىر 8900دىن ئاشىدۇ، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 63 مىڭ كىشى بار، جىنايەتكە چېتىلىدىغان 58 مىڭ كىشىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر