باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى(3)

(2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

2017.11.06 08:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (7) چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن قاچقۇنلارنى چۈشۈرىدىغان «ئاسمان تورى»نى زىچ توقۇپ، مەنىۋى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنىڭ جازادىن پاناھلىنىدىغان جەننەتكە قېچىپ كىرىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويمىدۇق

  قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدا چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسى قۇرۇپ، مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇل خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ساننى ئېنىقلاپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. چەت ئەلگە قاچقان 100 قاچقۇننى تۇتۇش قىزىل بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، «ئاسمان تورى ھەرىكىتى»نى ئۇدا تەشكىللەپ، قاچقان دۆلەتلەرگە، شۇ دېلوغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن چىرىك ئۇنسۇردىن بىر تۈركۈمنى تۇتۇپ كەلدۇق. 2014- يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن 3453 قاچقۇننى تۇتۇپ كېلىپ، 9 مىليارد 510 مىليون يۈەن ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇپ كەلدۇق. «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»دىن 48ى تورغا چۈشتى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. خەلقئارا بويىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى تۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۇنيا بويىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىشىغا جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدۇق، «بېيجىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى» ۋە «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قاچقۇنلارنى تۇتۇش − ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىش ئالىي پىرىنسىپى»نى باشلامچىلىق قىلىپ تۈزدۇق، 20 دۆلەت گۇرۇھى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىش تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىندى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھەمكارلىشىش تورى بەرپا قىلىشقا ماسلاشتۇق. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، تېزدىن قايتۇرۇپ كېلىش، مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىشتىكى قولاي يولنى بەرپا قىلدۇق.

  قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسمىسىنى پۇختا سېلىپ، چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارنىڭ جازادىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدۇق. قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى ئورنىتىپ، «سالتاڭ ئەمەلدار»لارنى تازىلاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش- چىقىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش- مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يوشۇرۇن سەرراپخانا ۋە چەت ئەللىكلەر شىركەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھارام پۇل يۆتكەشكە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ سىرتقا قېچىپ كېتىشى ۋە ھارام پۇلنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كۈچلۈك توسۇپ، قېچىشقا پېتىنالمايدىغان، قاچالمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلدۇق. يېڭى قاچقۇنلار 2014- يىلىدىكى 101 كىشىدىن 2015- يىلى 31 كىشىگە، 2016- يىلى 19 كىشىگە، 2017- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە تۆت كىشىگە ئازايدى.

  (8) فۇنكسىيەنى، ئۇسۇلنى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇردۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1993- يىلى چىقارغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش خىزمەت ئاپپاراتىدا ئىككى ئورگان نامى بولۇشنى يولغا قويۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىكتىن ئىبارەت ئىككى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالدىدا ئومۇميۈزلۈك جاۋابكار بولدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئامىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، تەشكىلىي تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلارنى تەڭشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى تازا زورايتتۇق.

  قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتۇق. بۇزۇش بىلەن بەرپا قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىگىلەپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەۋقەنى مۇشۇ نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى، دەرھال يولغا قويۇش، دەرھال ئىسلاھ قىلىشقا قويدۇق. يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش ۋە تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن تەشكىلات بۆلۈمىنى ئاساس قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە مۇئاۋىن شۇجىسىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش- تەكشۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك نوپۇزىنى كۈچەيتتۇق.

  بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، جامائەت پىكرى بازىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىدۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئەندىزىسىگە سىڭدۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەركەزدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى ياراتتۇق. «مەڭگۈلۈك كۈرەش» ۋە «كۆزەتچىلىك شەمشىرى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىملىرىنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور، گېزىت، ژۇرناللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تارقىتىش كۈچىنى زورايتتۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ، مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى) توردا زىيارەت قوبۇل قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تور بېكىتىدە يېڭىچە جامائەت پىكرى بازىسىنى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئائىلە قائىدىسى، ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتتۇق؛ خىزمەت تەرتىپىنى ئاشكارىلاپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىرلىقلاشتۇرماي، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى يوللىرىنى كېڭەيتتۇق.

  دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن مەمۇرىي تەپتىشلىك قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتتۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 26 قېتىم يىغىن ئېچىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى. مەركەزنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلار ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنداپ، مەمۇرىي تەپتىش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك- پارىخورلۇق جىنايىتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق- مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغان كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، خادىملارنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ بىرلەشتۈرۈش، ئاپپارات فۇنكسىيەسى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش شارائىتى ئاستىدا ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش تارمىقى بىلەن ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تارمىقى، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش تارمىقىنى ئايرىم تەسىس قىلىش، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار بىلەن ھەم ئورگانىك جىپسىلاشقان، ھەم بىر- بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبە توپلىدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا زىچ ماسلىشىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك قانۇنى (لايىھە)»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەپ ۋە سۆزلىشىش، گەپ سوراش، ئاختۇرۇش، قالدۇرۇۋېلىش قاتارلىق تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.

  (9) ئالدى بىلەن ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ، ئاندىن يەكۈنلەپ ۋە تاۋلاپ، پارتىيەنى قائىدە- نىزام بويىچە ئىدارە قىلىپ، قەپەزنى چىڭىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق

  تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتتۇق. 3- ، 4- ئومۇمىي يىغىننىڭ قوشماقلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيە مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە- نىزامىدىن 11نى تۈزۈشكە تەشكىللىدۇق. مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە ئەمەلىي تەدبىرنى تاللاپ چىقىپ، تۈزۈمنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتتۇق. ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلگەن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نىزام- تۈزۈمگە ئايلاندۇردۇق. غايىلىك بولۇش، لېكىن غايىۋىلەشتۈرۈۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، زۆرۈرلۈك ۋە مۇمكىنچىلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئايرىم نىزام تۈزۈشنى تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئورنىغا قويۇپ ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى بىلەن ماسلاشتۇردۇق ۋە جىپسىلاشتۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن پارتىيەنى قائىدە- نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر- بىرىگە ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان بولدى.

  ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسنى تىكلەپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزانى»نى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانى»غا ئۆزگەرتىپ، پاك- تەلەپچان بولۇش باش تېمىسىنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، ئىجابىي تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇرەككەپلىكنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەتبىقلىنىش ئوبيېكتىنى پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىپ، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ، پاكلىق بىلەن چىرىكلىكنىڭ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىسراپچىلىقنىڭ، رىيازەت بىلەن راھەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق؛ رەھبىرىي كادىرلارغا ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، پاك تەربىيەلىنىش، ئائىلىنى پاك باشقۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا يۇقىرى ئۆلچەم قويدۇق.

  پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسىدىكى ئىنتىزام تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. سىياسىي ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق، گۇرۇھۋازلىق قىلىش، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلىشىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىنتىزامغا ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىش، ئاممىنىڭ تەلىپىگە سەل قاراش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر ماددا- تارماقلارنى يېڭىدىن قوشۇپ، ئىنتىزامنى پارتىيەنى باشقۇرىدىغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىدىغان ھەقىقىي ئۆلچەم قىلدۇق.

  ئىشەنچنى نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نەزەرىيە، ئىدىيە، تۈزۈمنى چۆرىدەپ سىستېما بەرپا قىلىپ، ھوقۇق، مەسئۇلىيەت، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چۆرىدەپ تۈزۈم لايىھەلەپ، مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى)نىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ نازارەتچىلىكى، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.

  (10) تۆمۈر سوقۇشتا بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، تەلەپچان، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قوشۇن قۇرۇپ چىقتۇق

  سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتتۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى كىم نازارەت قىلىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، يىغىن ۋە ھۆججەتنى قىسقارتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار ئورگاندىكى پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە دەرسى ئۆتتى، ئورگاندىكى ئىدارە باشلىقى، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار ئەرزىيەتنى قەرەللىك قوبۇل قىلدى، دائىم ئائىلىلەرگە بېرىپ سىرداشتى، مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

  كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا، ئەخلاقلىق ھەم قابلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردۇق. ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشتىكى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى پارتىيەنىڭ كادىرلار قوشۇنىدا تۇرغۇزۇپ بىرتۇتاش ئىشلەتتۇق، چېنىقتۇردۇق ۋە تەربىيەلىدۇق. ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئىستىلى چىڭ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارنى تاللاپ، ئىشلىتىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچلۈك سەپلىدۇق. ئىشلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە سىستېمىنىڭ ئىچى- تېشىدىكى كادىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىزمەت ئورنىدا چېنىقتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىر مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ يېتىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتۇق. قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى كۆيۈنۈش دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ۋە كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى ۋە ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنى 1314 ئادەم (قېتىم) ئالماشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن 178 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنىڭ روھىي قىياپىتى، ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق.

  ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىك كۆزىنى ئۆتكۈرلەشتۈردۇق. مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىش، ئىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يەككە ئەۋەتىش بىلەن ئورتاق ئەۋەتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي 47نى تەسىس قىلىپ، 139 ئورۇننى نازارەت قىلدۇق. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت دوكلاتىنى قەرەللىك ھالدا ئاڭلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشتى. نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، مەسىلە بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈردۇق. ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى تاللاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالمايدىغان، نازارەت قىلىشنى خالىمايدىغانلارنى تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر