باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى(5)

(2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

2017.11.06 08:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، رېئاللىقنى دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم ئارقىلىق ئىگىلەپ، ئىشەنچنى تارىخىي تەپەككۇر، پەلسەپەۋى تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تەپەككۇرى ئارقىلىق مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. ماركسىزم- لېنىنىزم پارتىيە نىزامنامىسىگە شۇنىڭ ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئىشەنچىسى شۇنىڭدىن كەلگەن، بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن مېتودولوگىيەسىمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن، شۇڭا ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىينەزەر ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق رېئاللىقنى كۆزىتىش، كەلگۈسىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. تارىخ − ئەڭ ياخشى ئۇستاز، تارىختىن بۈگۈن يولۇققان ئىشلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ھادىسىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ، رېئاللىقتا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ تارىخىي سەۋەبى بار. مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تارىخنى ئەينەك قىلىش ئاساسىدا ئىزدەپ، نۆۋەتتە يولۇققان مەسىلە ۋە خىرىسلارنى تارىخىي بوشلۇققا قويۇپ تونۇشىمىز لازىم. دىيالېكتىكىنى تەتبىق قىلىپ، «ئىككى نۇقتىچىلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، نەتىجىنى تىلغا ئالغاندا مەسىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئارقا كۆرۈنۈشنى تېخىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. چىرىكلىك ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك تارىخىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە ھېچقاچان ئۇنىڭدىن خالىي بولالمىغان، پەقەت بەزىدە ئاز، بەزىدە كۆپ يۈز بەرگەن. ھەرقانداق ھۆكۈمەت ھوقۇقى چىرىتىشنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشكە ئەبەدىي دۇچ كېلىدۇ. بىزنىڭكىدەك ئۇزاق مۇددەت يالغۇز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنى پاكلاش غايەت زور سىناق ھېسابلىنىدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش دادىللىقى بىلەن نازارەتنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش- شەكىللەندۈرەلمەسلىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، يەنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ۋە قۇرۇش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، يەنى ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە نىزاملار ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش. پارتىيە ھەم ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، ھەم دۆلەت ماشىنىسىغا بولغان نازارەتچىلىكنىمۇ كۈچەيتىشى، ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىش بىلەن ئاممىنىڭ نازارىتىنى بىرلەشتۈرۈشى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شارائىتتا ئۆز- ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ چىقىشى لازىم.

  يەتتىنچى، خەلق رايىنىڭ مايىل بولۇش- بولماسلىقى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، كۈچلۈك بۇرچ مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بىلەن نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز لازىم. ھەرقانچە ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ؛ قىيىنچىلىق ۋە جاپا- مۇشەققەتنى يەڭگەندە ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غايە- ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەندەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتلەر قوينىدا پولاتتەك تاۋلىنىپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مەسئۇلىيەتچانلىق − كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى. ھوقۇقنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئىكەن ئۇنى چوقۇم ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم، ھوقۇق قانچە چوڭ بولسا، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزمۇ شۇنچە چوڭ بولۇشى كېرەك. گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچىدۇ، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغىدۇ. 10 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى بىرقەدەم- بىرقەدەمدىن مېڭىپ تاماملىغانمىز؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىمۇ بىرقەدەم- بىرقەدەمدىن مېڭىپ ئاچقانمىز. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇزاق مۇساپىدە باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنىڭ ھەممىسى يېڭى باشلىنىش ۋە قايتا ئاتلىنىش بولىدۇ. شۇڭا ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات نەزەرىيەسى بىلەن تەرەققىيات باسقۇچلىرى نەزەرىيەسىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يىراقنى كۆرۈشىمىز، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلىشىمىز، ئاز- ئاز يىغىلغان غەلىبىلەردىن زور مۇۋەپپەقىيەت ھاسىل قىلىپ، توختاپ قالماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز لازىم. خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغانلار جاھان سورايدۇ. ھەرقانچە ئۇزاپ كەتسەكمۇ، نېمە ئۈچۈن ئاتلانغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىزچىل كۈرەش نىشانىمىز دەپ تونۇشىمىز لازىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى. شۇڭا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ خۇشال بولغان- بولمىغانلىقى، رازى بولغان- بولمىغانلىقى، ماقۇل بولغان- بولمىغانلىقىنى خىزمىتىمىزنى سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، مەۋقەنى مەركىزىي ۋەزىپىگە قويۇپ، مەسئۇلىيەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە خالىس، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارەت بىلەن، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.

  3. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە تەكلىپ

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ھالقىلىق پەيتتە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئىجادىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ياخشى قۇرۇشىمىز، كۈچەيتىشىمىز لازىم.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 19- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھارماي- تالماي كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.

  (1) 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇش ۋە ئۇنى قەتئىي قوغداش لازىم

  19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن ۋە تولۇق ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، 19- قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيە ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 19- قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى لازىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن

  بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا، باشباشتاقلىق قىلىشقا، قىل دېگەننى قىلماسلىق ۋە قىلما دېگەننى قىلىشقا قەتئىي يول قويماي، مەركىزىي كومىتېت پەرمانىنىڭ توسالغۇسىز ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  (2) پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم

  پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى غايە، ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قويۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش لازىم. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ «تۆت خىل ھالىتى»نى تەتبىقلاش لازىم. دىققەتنى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»، بولۇپمۇ بىرىنچى باشلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئۆتكەل ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قاتتىق ئىنتىزام ۋە كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ھېيىقىدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىش كېرەك.

  (3) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىل ياخشىلاشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇش لازىم

  مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئوبدان تۇتۇپ، دىققەتنى راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ، يېڭى يۈزلىنىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «تۆت خاھىش»نىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكتىكى ئاكتىپ كۈچىنى قوزغاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساختىلىق، يامانلىق ۋە رەزىللىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، يېزا ئاھالىسى قائىدىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  (4) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسى- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم

  پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئىچىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلار، تارماقلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقلىقنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ھەيۋىنى ساقلاش لازىم. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزگە قاراشلىق ئورۇنلارنى كۆزىتىش ۋە شەھەر- ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. نازارەتچىلىك يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەز بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرى قۇرۇلىدۇ؛ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىشلىك قانۇنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات سىنىقىدا ھاسىل قىلىنغان تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپپاراتلارنى بىرىكتۈرۈش، خادىملارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت تەرتىپىگە كۆندۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى ئاپپاراتلارنى بىرتۇتاش تەسىس قىلىپ، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش شارائىتىدا ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىر- بىرىنى چەكلەپ تۇرۇشىنى، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  (5) چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرمايدىغان ھەيۋىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە يول قويدۇرمايدىغان قەپەسنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشنى خىيال قىلدۇرمايدىغان ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم

  چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە ۋەزىيەتنىڭ ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، قاتتىق بېسىم قىلىش، ئۇزاققىچە ھەيۋە كۆرسىتىش، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، رىتىمنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىش سانىنى ئازايتىپ، چىرىكلىكنىڭ كۆپىيىشىنى نۇقتىلىق توسۇپ، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ سىياسىي مەسىلە بىلەن چىرىكلىشىش مەسىلىسىنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزئارا گىرەلىشىۋېلىشىنى، پارتىيە ئىچىدە شەخسىي تەسىر كۈچىنى يېتىلدۈرۈشنى، مەنپەئەتدار گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېچىپ كەتكەنلەرگە مۆكۈنگىدەك جاي قالدۇرماي، قاچماقچى بولغانلارنىڭ خام خىيالىنى بەربات قىلىش لازىم. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ۋە ئىنتىزامغا- قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ توۋانامىلىرىنىڭ سەلبىي ماتېرىياللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دائىملىق ھەيۋە شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرماسلىق مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەش؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تايىنىپ چىرىكلىشىشكە يول قويدۇرماسلىققا تۈرتكە بولۇش؛ غايە- ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەش، ئادەمنى توغرا تاللاش، ئوبدان ئىشلىتىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى مەھكەم تۇرغۇزۇشقا تايىنىپ، چىرىكلىشىشكە خىيال قىلدۇرماسلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىش لازىم.

  (6) پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇش لازىم

  كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش- ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەسىنى ۋە سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىدىن بولۇشى كېرەك. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە ھەقىقىي سادىق، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش لازىم؛ كادىرلارنىڭ خىزمەت ئورنى، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە كادىرلار نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم. نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. بەنزىنى ياخشى يېتەكلەپ، قوشۇننى ياخشى باشلاپ، مۇستەھكەم غايە- ئېتىقاد ۋە پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش لازىم.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر