كۇچا نېنىنىڭ شىنجاڭدا ناھايىتى داڭقى بار، تەرەپ – تەرەپتىن كۇچاغا كەلگەنلەر كۇچا نېنىنى تېتىماي بۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ، كۇچالىقلار ئۆزلىرىنىڭ كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىدە ياشاۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىپلا قالماستىن ئۇيغۇر يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدىكى مۇھىملارنىڭ بىرى بولغان نان مەدەنىيىتىدە زور ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىدىنمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ.
ـــ كۇچا نېنىنىڭ تېخىمۇ داڭقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ناھىيەلىك پارتىكوم، ھۆكۈمەت كۇچا نېنى كوچىسى تەسىس قىلماقچى، بۇ كوچا تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەر كۇچادىكى داڭلىق ناۋايلارنىڭ نانلىرىنى تېتىغاچ، قەدىمىي كۆسەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ زوق ئالالايدۇ،- دېدى پاتىگۈل ئابباس ماڭا.
ئىگىلىشىمچە، كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل 1 مىليون 100 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋېلىپ، ساياھەت كىرىمىنى 1 مىليارد يۈەنگە، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىنى 7 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىۋېتىپتۇ.
كۇچا ۋاڭ ئوردىسى
كۇچا ۋاڭ ئوردىسى كۇچا ناھىيەسىدە بولۇپ، 1759 – يىلى چيەنلوڭ خاننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى باشقۇرغان بۇ يەرلىك ئۇيغۇر بېگىنىڭ چوڭ – كىچىك غوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرغانلىقىنى تارتۇقلاش يۈزىسىدىن ئىچكىرىدىن مەخسۇس ئۇستا ئەۋەتىپ سېلىپ بەرگەن ئوردىسى بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەينى يىللاردىكى ۋاڭ ئوردىسى بىر خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى، 2004 – يىلى كۇچا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاخىرقى ۋاڭ داۋۇت مەخسۇتنىڭ ئەسلىمىسى بويىچە بۇ ئوردىنى ئۆز ئورنىغا قايتىدىن سېلىپ چىققان ھەمدە بۇ يەرگە كۇچا ۋاڭلىرى خاتىرە سارىيى، كۇچا كۆسەن مەدەنىيىتى موزېيى تەسىس قىلىنغان.