23 – ئاپرېل كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى كۇچا مېھمانخانىسىنىڭ يېڭى بىناسى سىرتقى بېزەش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىنىۋاتاتتى.
ـــ پات ئارىدا تىجارەت باشلايدىغان كۇچا مېھمانخانىسىنىڭ يېڭى بىناسى كۇچادىكى جۈملىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بولۇپ قالىدۇ، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئالتە تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ ئىككىسى كۇچادا، تۆتى ئاقسۇ شەھىرىدە. ئۇندىن باشقا يەنە كۇچا ئايرۇدۇرۇمى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارىيى، «بەش قىتئە» گۇرۇھى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانسارىيى قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كۇچا خەلقئارا مېھمانسارىيى، «لىدۇ» مېھمانسارىيى، ئىقتىساد سودا مېھمانسارىيىنىڭ مۇئەسسەسە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بۇ يىل 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنماقچى، بۇ ئارقىلىق كۇچا ناھىيەسىدىكى يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلاردا يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك مېھمان كۈتىۋېلىش سېستىمىسى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ،- دېدى كۇچا ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاتىگۈل ئابباس .