تارىم دەرياسىنىڭ بېشىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر ئاقسۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە ساياھەت مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ باردى، ئاقسۇغا ساياھەتكە كەلگەنلەر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ دولان دەرياسى بويى كېچىلىك مەنزىرىسىنى كۆرمەي كەتمەيدۇ. 9 – ئاپرېل ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان دەرياسى بويى سەيلىگاھىنى كۆرۈۋاتقىنىمدا يول بويى ھەر خىل تەلەپپۇزدا سۆزلىشىۋاتقان دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرىنى ۋە غۇلجا، قەشقەر، تۇرپاندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شەھەر مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقى، يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇشى، ساياھەت نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىش بىلەن ئۇلارغا ئېلىپ كېلىنگەن قۇلايلىقتىن گەرچە شۇ ۋاقىت ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ تازا ئاۋات مەزگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن باھار بالدۇر باشلانغان ئاقسۇ دىيارىنىڭ ساياھەتنىڭ ئالتۇن پەسلىنى كۈتىۋېلىشكە بالدۇرلا ئاتلانغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.