ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە كۇچا ۋاڭ ئوردىسى سەيلىگاھى قاتارلىق دۆلەتلىك تۆت ئا دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھدىن تۆتى، دۆلەتلىك ئۈچ ئا دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھتىن تۆتى، دۆلەتلىك ئىككى ئا دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھدىن 14ى بار. ئاقسۇ ۋىلايىتى نۆۋەتتە دۇنيا تەبىئىيلىگى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسى نامىغا ئېرىشكەن ئونسۇ تەڭرىتاغ (تۆمۈر چوققىسى) سەيلىگاھى بىلەن دولان – كۈسەن مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى دۆلەتلىك بەش ئا دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.
قىزىل مىڭ ئۆيى ــ باي ناھىيەسى قىزىل يېزىسىغا جايلاشقان قىزىل مىڭ ئۆيىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ، دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارى بىلەن بىر قاتارغا قويۇلىدۇ. قىزىل مىڭ ئۆيىدە 236 ئۆي بار بولۇپ، تەبىئىي ھالدا غەربىي رايون، جىلغا ئىچى رايونى، ئارقا تاغ رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3 كلومېترغا سوزىلىدۇ. بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر شاھزادىسى كوماراجىۋانىڭ بۇددا نومىنى كۆسەن دىيارىغا تارقاتقان ئاساسلىق ماكانىدۇر. بۇ يەر دۆلىتىمىزدىكى بۇددا مەدەنىيىتىدىكى بىر بىباھا گۆھەر بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، ئەڭ ياخشى ساقلانغان تاش غار مەدەنىيەت مىراسلىرىدۇر. بۇ يەردىكى 80 نەچچە غاردا بىرقەدەر ياخشى ساقلانغان تام رەسىملىرى بار.