قەدىمىي كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان كۇچا ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر شەھىرىدىن قالسىلا يەنە بىر مۇھىم ساياھەت بايلىقى ئەڭ مول ناھىيە (شەھەر) بولۇپ، بۇ يەردە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تۇر، قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ جىلغىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇددا دىنىنى تارقاتقۇچى ئۇيغۇر شاھزادىسى كوماراجىۋا ئاساسىدا شەكىللەنگەن قەدىمىي كۆسەن مەدەنىيىتى بۇ قەدىمىي دىيارنىڭ داڭقىنى دۇنيانىڭ ھەريانلىرىغا تاراتقان.