ـــ 2003– يىلى ئاپرېلدا مەملىكەت بويىچە جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ مۇزىكا ياساش كەنتىدە 299 ئائىلە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 106 ئائىلە مۇزىكا ياسايدۇ. تۆت يىلغىچە بۇ يەرنى دۆلەت تۆت ئا دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز،- دېدى ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى
،- توقسۇ ناھىيەسى بىلەن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئارىلىقى 40 مىنۇتلۇق يول بولۇپ، كۇچاغا ساياھەتكە كەلگەنلەر توقسۇغا بارىدىغان يولدا يول بويىدىكى يارداڭ تەبىئىي مەنزىرە رايونىدىن بەھىرلەنگەچ بىردەمدىلا توقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ، ئاندىن جاي كەنتىدىكى چالغۇ ياساش ئۇستىلىرىنىڭ ماھارىتىدىن ھوزۇر ئالىدۇ، چالغۇ سېتىۋالىدۇ، چالغۇ سېتىش ئارقىلىق كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلىدۇ. كۆرگەزمە ئورنى ئۇدۇلىغا يەنە «غەربىي رايون مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى» قۇرۇلۇپ جاي كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.