باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«كۆسەن، دولان مەدەنىيىتى» ساياھەتچىلىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاشۇرماقتا(5)

2014.05.14 14:00   مەنبە: خەلق تورى

«كۆسەن، دولان مەدەنىيىتى» ساياھەتچىلىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاشۇرماقتا(5)

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىش، مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇلتۇر ئاقسۇ شەھىرىدە تۆت لېنىيەدىكى «بىر كۈنلۈك ساياھەت» مەھسۇلاتىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنداق مەھسۇلات بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن؛ كۇچا ناھىيەسى 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۇچا «كۆسەن مەدەنىيىتى باغچىسى» قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيە بويىچە تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بولغان كۇچا مېھمانخانىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. يېڭىدىن ئىككى ساياھەت كوپىراتىپىنى قۇرۇپ چىققان؛ باي ناھىيەسى ئاقسۇ دولان - كۆسەن مەدەنىيىتى ساياھىتى بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە بايغا ساھەلەر بويىچە ياردەم قىلىۋاتقان ۋېنجو شەھىرى بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن؛ ئونسۇ ناھىيەسى «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياردەم بېرىش ۋە مۇكاپاتلاش تۈزۈمى» نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تۆمۈر چوققىسى دالا ساياھەتچىلىكى ۋە ئونسۇ چوڭ جىلغىسى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ ئاۋات ناھىيەسى «دولان قەبىلىسى» سەيلىگاھىنى دۆلەت تۆت ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە دەسلەپكى تەكشۈرۈپ باھالاش باسقۇچىنى تاماملىغان. دېھقانلار رەسىملىرى خاتىرە بويۇملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شايار ناھىيەسى جېجياڭ «ئەسىر» پاي كونترول چەكلىك شېركىتى بىلەن سوممىسى بىر مىليارد يۈەنلىك توغراقلىق ئېكولوگىيە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش كېلىشىمى تۈزگەن؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 15 مىليون 220 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ «جۇڭگو جىغانلىق ماكانى» ساياھەت ماركىسىنى يارىتىشنى كۈچەيتكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …