باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر(1)

2014.04.18 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەد يۇنۇس، دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى، ئالىيە ئەبەيدۇللالار خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترەتلىرى ئىچىدە مۇنداق بىر خىزمەت ئەترىتى بار، ئۇلار ئۈرۈمچىدىن ئەمەس بەلكى بېيجىڭ، شاڭخەيدىن كەلگەن كادىرلار. ئۇلارنى كىم؟ نىمە ئۈچۈن ئۇ يەردىن كېلىدۇ؟ دەپ قېلىشىڭىز مۈمكىن، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق خەق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدە تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىلىرىدىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرى. قەشقەردە مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىمىزدە قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسى خەنىچە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنى زىيارەت قىلدۇق.

  «خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن جاپادىن قورۇقمايمىز»

  ـــ خەنىچە كەنتىگە چۈشكەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئىش باشقارمىلىرى خىزمەت ئەترىتىدە بېيجىڭ، شاڭخەيدىن كەلگەن خەنزۇ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ سەككىزىمىز بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئايال، قالغىنى ئەر كادىرلار،- دېدى خىزمەت ئەترىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئىش باشقارمىسى مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ فاڭلياڭ بىزگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.

  ــ چوڭ شەھەرلەردىن كېلىپ، بۇ كەنتتىكى سەھرا تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدىڭلارمۇ،- دېدۇق بىز ئۇلارغا.

  ـــ باشتا كەلگەندە بىزدە بىر خىل ھەيران قېلىش بولغانىدى، كېلىشتىن بۇرۇن ھەرھالدا ئىدىيىدە ھازىرلىق قىلىپ قويغاچقىمىكىن، ئاستا – ئاستا كۆنۈپ كەتتۇق. تۇرمۇش شارائىتى جەھەتتە بىز ئويلىغاندىن ياخشىراق، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە نەتىجىلەر خېلى مول ئىكەن. سۇ، توك ۋە كۆكەرتىش جەھەتتە شارائىت سەل ناچار بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بەزى قولايسىزلىق بولۇندى، ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىمىكىن بۇ يەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى بىزگە بۆلەكچىلا ئاستا بىلىندى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز، خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئىگىلەپ، خەلقگە مەنپەئەت يەتكۈزۈمىز دەپ كەلگەن كەلگەن ئىكەنمىز جاپا تارتىشقا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق،- دېدى شاڭخەي ئىش باشقارمىسىدىن كەلگەن سوڭ ۋېنيىڭ بىزگە كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ــ بۇ يەردىكى دېھقانلار بىزگە ناھايىتى مېھماندوست مۇئامىلىدە بولدى، بەزىلىرى بىزنى ئۆيىگە تاماق يەپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى، يېزا، كەنت كادىرلىرى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلدى، بۇ يەردە مەشكە ئوت قالايدىكەن، بىزگە ئوخشاش ئۇقمايدىغانلار بۇنى يەرلىك دېھقانلاردىن ئۆگەندۇق، ئۇلار قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئامال بار ھەل قىلىشقا تىرىشتى،- دېدى ياندا تۇرغان بېيجىڭ ئىش باشقارمىسىدىن كەلگەن ياڭ پىڭ بىزگە،- ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇنداق سەمىمىي، مېھماندوستلۇقىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم.

  خىزمەت ئەترىتى خەنىچە كەنتىگە ئىشقا چۈشۈپلا تېز سۈرئەتتە تۇرمۇش، خىزمەت رېتىمىنى تەڭشىۋالغان، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، «تۆت پىشقەدەم» لەرنى يوقلاش، كەنت كادىرلىرى، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا كېلىش مەقسىدىنى يەتكۈزگەن، خىزمەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىزىغا چۈشكەن.

  ــ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا بۇ كەنتتە 2380 نوپۇس بارلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نەقپۇلىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدۇق، كەنتىمىزدىكى پىشقەدەم كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئەڭ ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، ئۇلار پارتىيىمىزنىڭ پىشقەدەم كادىرلىرى، ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلاردا پارتىيە ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلىغانلار، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە بولغان مۇھەببىتى يەنىلا شۇنداق كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەردىن، ئەتراپىدىكى زور ئۆزگىرىشلەردىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدىكى مۇھىم كۈچ،- دېدى گۇرۇپپا باشلىقى شىڭ فاڭلياڭ بىزگە.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر