باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.18 10:42   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 17-ئاپرېل جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ لىدىرى تومسون بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مېھمانغا جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تۈرلۈك خىرىسلار ئالدىدا مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلىدى. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش،ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلەنمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 1-پەسىلدە جۇڭگو خەلق ئىگىلىكىنىڭ باشلىنىشى مۇقىم، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. ئىقتىسادنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق دائىرىنى ساقلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:جۇڭگودەك مۇنداق چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تەخمىنەن %7.5 لىك ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشنى ساقلىشى ئاسان ئەمەس. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ياخشى يۈكسىلىشىگە شارائىت بار. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرىكتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك،ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تومسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئاخبارات گۇرۇھى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە جۇڭگونى خەۋەر قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۇنيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپى…
      ·بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ
      ·يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئى…
      ·بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
      ·2014-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…