- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ «باھار شامىلى ھەرىكىتى»دە 400 مەيداندىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى 100 مىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ
2014.04.18 15:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ــ مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئىدارىسى 50 كارخانا بويىچە 1900دىن كۆپرەك خىزمەت ئورنى بىلەن داۋانچېڭ رايونىدا «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرغان بولۇپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئاچقان. نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىن سىرت، خىزمەتچى خادىملار دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا نوپۇزلۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
پائالىيەت مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر شۇنداقلا ناھىيەلەر ماس قەدەمدە «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ـ ئىشلەمچىلەرنى تەشكىللەپ 400 قېتىمدىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر