باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى ماي بايرىمى مەزگىلىدە «بايرام كېسىلى»نى تۈزەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2014.04.18 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 17-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «1-ماي» مەزگىلىدە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتىلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەش ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.خىزمەتنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «1-ماي»نىڭ ئالدى-كەينىدە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، نازارەتچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلاردىن ئەھۋالنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، دېلونى باستۇرۇپ قويغان، مەلۇم قىلمىغانلارىغا قارىتا، ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر