باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە پاراخوت ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار 25 كە يەتتى

2014.04.18 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل سېئۇلدىن بەرگەن خەۋىرى: كورېيە مەركىزىي ئاپەت بىخەتەرلىك تەدبىرى بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 18-چېسلا سەھەرگە قەدەر، كورېيەنىڭ «سېۋول» ناملىق پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ھادىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتكەن،271 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 179 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

  كورېيە قۇتقۇزۇش دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈزۈۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى پاراخوتنىڭ ئىچىدىن ئەمەس، دېڭىزدا لەيلەپ قالغان جايدىن سۈزۈۋېلىنغان. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سۈزۈۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. كورېيە دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىدىكى دېڭىز ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى بىلەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى پاراخوتتىن چىقىپ سۇدا لەيلەپ قالغان، كەلگۈسىدە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن. (ياڭ چىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر