باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر(2)

2014.04.18 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار پىشقەدەم كادىرلار، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇلار خىزمەت ئەترىتىگە كەنتىمىزنىڭ ئىچىملىك سۈيى مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشۋىقات تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كۆز قارشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي يۇسۇندا تېرىقچىلىق قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەشنى كۈچەيتسە، ئۇلارنىڭ تېزدىن باي بولۇشى، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىگە ياردەم قىلسا، كەنت يولىنى ياساپ، سۇ مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاپ، توك تورىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىغا، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرسە، كەنت كادىرلىرى بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋېتىنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولۇشىغا كۈچ چىقارسا دىگەندەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن دەرھال كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن قانداق ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغان.

  زىيارەت ئارىلىقىدا گۇرۇپپا باشلىقى شىڭ ۋەنلياڭنىڭ تېلىفۇنى تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ كەتتى. شىڭ ۋەنلياڭ ئۇنىڭ بىلەن نەچچە مىنۇت سۆزلەشتى، تېلىفۇن ناھىيەلىك ئېلىكتىر شېركىتىدىن كەلگەنىدى.

  ـــ ئېلىكتىر شېركىتى تېلىفۇندا ماڭا توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش، توك يېتىشمەسلىكنى پات ئارىدا ياخشىلايدىغانلىقىنى، ھازىر يېزا توك يولى سېستىمىسىغا ئىككى يۈرۈش توك بېسىمىنى تەڭشەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، قارىغاندا بۇ مەسىلىمۇ پات ئارىدا ھەل بولىدىغان چېغى،- دېدى شىڭ ۋەنلياڭ بىزگە خۇشال ھالدا.سەككىز تۈپ ياڭاق كۆچىتى

  خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە كەنتتىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن نەپ يەتكۈزۈدىغان بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ناھىيەنىڭ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاندىن بۇ يەردە ياڭاق كۆچىتى تىكىش، ياڭاق ئارقىلىق دېھقانلارنى باي بولۇشقا يېتەكلەش مۈمكىنچىلىكىنىڭ سەل يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ناھىيەنىڭمۇ مىۋىلىك كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇپ ئەي بولغاندا يۇقىرى بولغاندا %50 تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ دېھقانلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ، كەنتتە 437 مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىكىپ، باغۋەنچىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈشكە يول ئېچىشنى يىغىن ئېچىپ قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن 26 – مارتتىن باشلاپ بۇ ئىشنى رەسمىي قول تۇتۇپ ئىشلىدى. ئۇلار يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى، قەشقەر شەھىرى، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ياڭاق كۆچىتى يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى تۈرلىرىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ كەلدى، كۆچەتلەرنىڭ جۇغى كىچىك، سورتى ۋە باھاسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندىن كېيىن ئۇلار نەزىرىنى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ياڭاق كۆپرەك چىقىدىغان ئاقتۇ ناھىيەسىگە ئاغدۇردى، لېكىن بۇ ئىشقا چاپىدىغانغا يېزا ۋە كەنتتىن ئادەم يېتىشمەيتتى، قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن كۆچەت سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى قاتارىدا ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراپ يول ئالدى.

  ـــ ھېسابلاپ باقساق 437 مو يەرگە 5000 تۈپتەك ياڭاق كۆچىتى كېرەك ئىكەن، كۆچەت سېتىۋالىدىغان مەبلەغنى نەدىن ھەل قىلىش كېرەك؟ يېزا ۋە كەنت رەھبەرلىرى بىلەن دېيىشكەندىن كېيىن خىزمەت گۇرۇپپىمىز بۇ 30 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۈستىمىزگە ئالىدىغان بولدۇق، نۇرغۇن يەرگە بېرىپ كۆچەت ئىزدىدۇق، بەزى كۆچەتلەر ئەرزان بولغىنى بىلەن ئۇنى دېھقانلارغا تارقىتىپ بەرسەك، دىگەندەك تۇتماي، ئەي بولماي قالسا ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە قالمايلى، ئۇلارغا زىيان چىقمىسۇن دەپ چوقۇم ئەڭ ياخشى كۆچەتنى ئېلىپ كېلەيلى دېيىشتۇق،- دېدى شىڭ ۋەنلياڭ.شۇ مەزگىللەر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا كۆچەت تىكىش يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىل بولغاچقا كۆڭۈلدىكىدەك مىۋە كۆچىتى تېپىشمۇ بىر مۈشكۈل ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت رەھبەرلىرى، ئامما ۋەكىللىرى ۋاقىت ئۇتۇش ئۈچۈن ئاقتۇغا بارىدىغان چوڭ يولدىن مېڭىپ يۈرمەي باشقا يول ئارقىلىق تېزدىن ئاقتۇغا بېرىش ئۈچۈن ئويمان – چوڭقۇر، توپىلىق يوللارنى بېسىپ، تېز ۋاقىت ئىچىدە ئاقتۇغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار ئاقتۇ ناھىيەلىك تەۋەككۈل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شېركىتى دېرىكتورى ئەخمەتجان تۇرسۇننىڭ ياڭاق كۆچەتلىرىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئازراق زاكالەت پۇلى بېرىشنى، مالنى ساتقۇچى يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ كېلىشىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر