باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«0» نومۇرلۇق تاختا ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئىمتىياز ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ-يوق؟

2014.04.18 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-چېسلا، گۇيجوۋ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى 30-چېسلاغىچە گۇيجوۋ ئۆلكىسى «贵0» نومۇرلۇق مەخسۇس تاختىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى جاكارلىدى؛ 15-چېسلا، ۋۇخەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىمۇ « 鄂 0» نومۇرلۇق تاختىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى 18 يىل پايدىلانغان «鄂 0» نومۇرلۇق مەخسۇس نومۇر تاختىسى «鄂 A» ئادەتتىكى نومۇر تاختىسىغا ئالماشتۇردى. بۇ كەمگىچە، مەملىكەت بويىچە 20دىن ئارتۇق ئۆلكە «0» نومۇرلۇق تاختىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جاكارلىدى.

  ئىگىلىنىشچە، «0» نومۇر تاختىلىق ماشىنا ئەڭ دەسلەپتە جامائەت خەۋپسىزلىكى ماشىنىلىرىغىلا ئىشلىتىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن «0» نومۇر تاختىلىق ماشىنىلار ئەمەلىي يۈرۈش جەريانىدا يولنىڭ ئالدىن يۈرۈش بۆلىكىدە يۈرۈشتەك «ئالاھىدە ھوقۇق»قا ئىگە ئىكەن، بىر قىسىم جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار بەس-بەستە دائىرىدىن ھالقىپ ئىشلىتىپ، نەچچە قېتىم جامائەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

  «جامائەت خەۋپسىزلىكى مەخسۇس نومۇر تاختىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن مەخسەت ئىمتىياز ئىدىيەسىنى يىلتىزىدىن ساقايتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتلىنىپ ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئوبراز تىكلەپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشتۇر.» گۇيجوۋ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى سۈن لېيچۈن مۇنداق دېدى: «0» نومۇرلۇق تاختىنى جامائەت خەۋپسىزلىكىدە مەخسۇس ئىشلىتىلگەندىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋەزىپە، قانۇن ئىجرا قىلىش، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇرغان، لېكىن ئىمتىياز ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى بىلەن، «0» نومۇر تاختىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ماشىنىسىنى ھەيدىگەن قىسمەن كىشىلەر قاتناش قائىدىسىنى كۆزگە ئىلماي، ماشىنىنى قالايمىقان توختىتىش-قويۇش، قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق قاتناش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلغاچقا، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ قاتتىق پىكرى چىققان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر