باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان پاراخوتىنىڭ باشلىقى جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈلدى، ئۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن

2014.04.18 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە دېڭىز ساقچى ۋازارىتى 17-چېسلا ھادىسىگە ئۇچرىغان «سېۋول» ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى ۋە خادىملىرىنى سوراق قىلىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىدى. پاراخوت باشلىقى لى جۈنشى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇ يولۇچىلار ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «كەچۈرۈڭلار، سىلەرگە قارىغۇدەك يۈزۈم يوق» دېدى. دەلىللەنمىگەن بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاراخوت ھادىسىگە ئۇچرىغاندا، ئۇ 1-تۈركۈمدە جېنىنى ئېلىپ قاچقانىكەن.

  يەنە بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، پاراخوت كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن پاراخوتتىكى يۈكلەر يۆتكىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن، پاراخوت قىيسىيىپ چۆكۈشكە باشلىغان، لېكىن بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

  كورېيە موكپو شەھەرلىك دېڭىز ساقچى مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى 17-چېسلا لى جۈنشىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان «پاراخوت خادىملىرى قانۇنى» بويىچە ئەيىپلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر