- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ پاراخوت ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن كورىيە پرېزدېنتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
2014.04.18 10:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئاپرېل كورىيىنىڭ يىللار ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى، يارىلانغانلىقى ۋە يوقاپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كورىيە پرېزدېنتى پاك گۈنھىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى:يىللار ناملىق يولۇچىلار پاراخوتۇڭلار بەختكە قارشى ئېغىر ھادىسىگە ئۇچراپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى، يارىلانغانلىقى ۋە يوقاپ كەتكەنلىكى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ چۆچۈپ كەتتىم، ئىنتايىن قايغۇردۇم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىمدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرى ، يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو بىلەن كورىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. مەن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. جۇڭگو كورىيىگە ھەر ۋاقىت زۆرۈر ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 17-ئاپرېل كورىيىنىڭ يىللار ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى، يارىلانغانلىقى ۋە يوقاپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كورىيە زوڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر