باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر(3)

2014.04.18 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەخمەتجان تۇرسۇنمۇ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا كەلگەنلەرنىڭ كۆچەت ئېلىپ – ساتارى ئەمەس بەلكى خىزمەت ئەترىتى ئىكەنلىكى، دېقانلارنىڭ باي بولۇشى ئۈچۈن بۇ كۆچەتلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن تەسىرلىنىپ باھانى ئەسلىدىكى سەككىز يۈەندىن ئالتە يۈەنگە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ.

  ـــ بۇلار كەلگەندە ئۇلارنى تېخى كۆچەت ئېلىپ – ساتىدىغانلار چېغى دەپتىكەنمەن، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەيدىن كەلگەن خىزمەت ئەترىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن دەرھال باھانى چۈشۈردۈم، ئۇلار دېھقانلار ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتسا، بۇ سودىدىن ئازراق زىيان تارتسام باشقا سودىدىن تەڭشىلىپ كېتەر دەيمەن،- دېدى ئەخمەتجان تۇرسۇن تېلىفۇندا ماڭا.ئەتىسى ئەتىگەندە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 5000 تۈپ ياڭاق كۆچىتىنى ئېلىپ ئاقتۇدىن خەنىچەگە قاراپ يول ئالىدۇ. لېكىن كەنتكە كەلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ئېتىز بېشىغا كىرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 20 كۆچەت بىر باغلام قىلىپ قىلىپ باغلانغان كۆچەتلەرنى يۈدۈپ ئېتىز باشلىرىغا يۆتكەيدۇ. ئېغىر ئەمگەك ئەزەلدىن بۇنداق ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ باقمىغان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى قاتتىق بىر سىنايدۇ. خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇنچە كۈچەپ ئىشلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئېتىز بېشىدىكى باشقا دېھقانلارمۇ دەرھال ياردەمگە كېلىدۇ. كۆچەتلەر ئېتىز بېشىغا يۆتكىلىپ، دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىنىدۇ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭمۇ ھادىغى چىققاندەك بولىدۇ. كۆچەت يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن دېھقانلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئەتىسى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تارماقلىرى تېخنىكىلىرىنىڭ يېتەكلىشى بويىچە كۆچەتلەرنى ئېتىز قىرلىرىغا كىرىشتۈرۈپ تىكىدۇ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ كۆچەت تىكىشىدۇ، تۆت كۈنلۈك ۋەزىپىنى بىر كۈندىلا تۈگىتىدۇ. دېھقانلار بۇنىڭدىن قاتتىق سۆيۈنۈپ كۆچەتلەرنىڭ ھەقىيقەتەن سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى ماختىشىدۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن بۇ كۆچەتلەردىن مىۋە ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى دېيىشىدۇ.

  ياڭاق كۆچەت تىكىش خىزمىتى مۇۋەپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەنتەنە قىلىۋاتقىنىدا يېزا باشلىقى سەككىز تۈپ ياڭاق كۆچىتىنى ئېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ كېلىدۇ. ۋە «سىلەر بۇ قېتىم خەنىچە كەنتىدىكى دېھقانلار ئۈچۈن بىر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردىڭلار، كەنت دېھقانلىرى سىلەرنىڭ بۇ ھىممىتىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇلار ماڭا بۇ كۆچەتلەرنىڭ خاتىرە سۈپىتىدە سىلەر تۇرىۋاتقان بۇ كەنت قورۇسىغا تىكىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكى ھەربىر كادىر بىر تۈپتىن ياڭاق كۆچىتىنى تىكىدۇ.

  ـــ بۇ ياڭاق كۆچىتى بىر تەرەپتىن دېھقانلارنىڭ بىزگەبولغان ھۈرمىتى بولسا، بىر تەرەپتىن بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، بىزنىڭ بۇ ماكاندا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىزنى ئۈمىد قىلغىنى، بىزنىڭ بۇ يەرگە بولغان مۇھەببىتىمىز كۈچلۈك، «ئەجداتلار كۆچەت تىكسە، ئەۋلادلار مىۋىسىنى تېتەر» دىگەن گەپ بار، بىز بۇ كۆچەتلەرنىڭ مېۋىسىنى يىيەلمىسەكمۇ لېكىن يەنە داۋاملىق كېلىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يىيەلەيدۇ، بۇ ماكانغا تېخىمۇ مۇھەببەت باغلاپ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئەمەلىي ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق يەردە قويمايدۇ،- دېدى شىڭ فاڭلياڭ كەنت قورۇسىدا تىكىلگەن سەككىز تۈپ ياڭاڭ كۆچىتىنى بىزگە كۆرسەتكەچ.

  بۇ ئىشتىن كېيىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ مۇناسىۋېتى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەپ ئۆز يېرىگە لايىق تۈرلەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى سورىشىدۇ، مەسىلىلەر بولسا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىدۇ.

  «بۇ بىزگە تۇرمۇش ئۈگىنىش ۋە چىنىقىش پۇرسىتى بولدى»ئاياللار ياتىقىدا بېيجىڭ ئىش باشقارمىسىدىن كەلگەن ياڭ پېڭ كارىۋېتىنى يىغىشتۇرىۋاتاتتى، ياندا سوڭ ۋېنيىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈندىداردا خەت يوللاۋاتاتتى.

  ياڭ پېڭنىڭ ئاتا – ئانا قىرىنداشلىرى ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان بولۇپ، دادىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس تۇرۇغلۇق ئۇ تۆۋەنگە چۈشۈشنى تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان، ئېرى ۋە ئوغلىمۇ ئۇنى قوللىغان، ئۇ بۇ كەنتكە كىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، ئۈرۈمچىدىن دادىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلگەن، ئۇ دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپلا، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كىلىپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ خىزمەتلەرگە كېرىشىپ كەتكەن.

  ـــ ھازىر كەنىتتىكىلەر نىمە گېپى بولسا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە دەيدىغان، نىمە ئىشى بولسا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئىزدەيدىغان بولدى. بىز ئاممىغا قانچە يېقىنلاشساق، ئاممىمۇ بىزگە شۇنچە يېقىنلىشىدىكەن. ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پىكىرلىشىش، سىردىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ناھايىتى مېھماندوسلۇقىنى ھېس قىلدىم. قايسى ئۆيگە كېرەيلى ئۇلار بىزنى تۆرىگە باشلاپ، ئۆيىدە نىمە بولسا شۇنى داستىخانغا تىزىپ ئالدىمىزغا قويىدۇ. داستىخانغا قۇيۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمىسەك، ئۇلار خاپا بولىدۇ، ھەتتا يانچۇقلىرىمىزغا تۇخۇم ۋە قۇرۇق يەليىمىشلەرنى سېلىپ قويۇپ بىزنى تەسىرلەندۈرىدۇ، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش بىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئەمەلىي بولغان تۇرمۇش ئۈگىنىش ۋە چىنىقىش پۇرسىتى بولدى،- دېدى ياڭ پىڭ بىزگە.

  ـــ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگەن بولساممۇ، يېزا تۇرمۇشىنى، ئاق كۆڭۈل دېھقانلار بىلەن سىردىشىش پۇرسىتى ئاز بولغان ئىدى، بۇ قېتىمقى خىزمەت جەريانىدا بۇ كەنتتە تۇرۇش، دېھقانلار بىلەن ئەھۋاللىشىش، مۇڭدىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. بىز ئۆيمۇ – ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، بەزىلەر تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى، بۇنىڭدىن دېھقانلىرىمىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بولغان ئۈمىدىنى، شۇنداقلا تىرىشىپ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، مېنىڭچە بۇ قېتىمقى ئورگان كادىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ناھايىتى توغرا بوپتۇ، بۇ ھەممەيلەنگە بىر قېتىملىق تۇرمۇش ئۈگىنىش ۋە چىنىقىش پۇرسىتى بولىدۇ دەپ قارايمەن، ـ دېدى شاڭخەي ئىش باشقارمىسىدىن كەلگەن سۇڭ ۋېنيىڭ بىزگە. بېيجىڭ ئىش باشقارمىسىدىن چۈشكەن گۈلنار ئابدۇرېشىتنىڭ يۇرتى قەشقەر بولۇپ، بۇ قېتىم ئۆز يۇرتىغا قايتىشى ئۇنى بۆلەكچىلا خۇشال قىلىۋەتكەنىدى.

  ـــ بۇ كەنتتىكى دېھقانلار بىزدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ، بىزمۇ ئۇلارغا كۆپىرەك ئىش قىلىپ بەرسەك دەپ ئويلايمىز، كۆرۈپ تۇرۇپسىز بىزنىڭ بۇ گۇرۇپپىنىڭ مونچا ۋە ھاجەتخانىلىرى تېخى پۈتمىدى، شۇڭا بىز دائىم ياندىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئىشلىتىپ تۇرىۋاتىمىز، ھازىر بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى تونۇپ كەتتى. دەرىس ئارلىقىدىكى تەنەپۇس ۋە دەرىستىن چۈشكەن چاغلاردا ئوقۇغۇچىلار ئالدىمىزغا يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ، ياخشىمسىز دەپ بىز بىلەن ئەھۋاللىشىدۇ، ھەتتا ئون نەچچە ئوقۇغۇچى بىراقلا يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىزنى ئورۇۋېلىپ قول بېرىپ كۆرۈشكەندە، ئۈلگۈرۈپ بولالماي قالىمىز. بالىلارنىڭ بۇ كىچىككىنە ھەرىكىتى گۇرۇپپىمىزدىكى ھەممەيلەننى بەك تەسىرلەندۈردى،- دېدى گۈلنار ئابدۇرېشىت.

  
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر