باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى 14 ئۆلكە يېزا، چەت يىراق رايوندىكى يەسلى مائارىپىغا سەييارە مەدەت بېرىشنى سىناق قىلىدۇ

2014.04.18 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ يىل ئوتتۇرا غەربىي قىسىمنىڭ يېزىلار ۋە چەت يىراق رايوندىكى يەسلى مائارىپىغا سەييارە مەدەت بېرىش سىناق خىزمىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسى خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىن، خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، يۈننەن، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيادىن ئىبارەت 14 ئۆلكە رايونكەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنىدى: ھەر قايسى سىناق قىلىنغان ئۆلكىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى پىدائىيلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پىدائىيلارنى ئىشلەشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش، ئىشلەش داۋامىدا تەربىيەلەشكە ئەستايىدىل تەشكىللىشى، بولۇپمۇ پېداگوگىكا كەسپىدىن باشقا كەسىپنى پۈتتۈرگەنلەرگە قارىتا ئىشلەشتىن بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە يەسلى مائارىپىنىڭ دائىملىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىدائىيلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا قاراش، تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان پىدائىيلارنىڭ كۈزگى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ۋاقتىدا ئىشقا چىقىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر