باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم شەھۋانىي تور بېكەتلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ ئېلان قىلىندى

2014.04.18 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى تۈنۈگۈن جەمئىيەتكە بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەھۋانىي تور بېكەتلىرىنى مەلۇم قىلدى ھەمدە ئاممىنى پاش قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىشكە چاقىردى. 13-ئاپرېل تۆت تارماق جەمئىيەتكە «توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى، مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار پائال ئاۋاز قوشتى، ئاساسىي تېلېگراف تىجارەت كارخانىلىرى ئەستايىدىل تازىلاپ رەتكە سېلىشنى قانات يايدۇردى، تور ئەدەبىياتى قاتارلىق تور بېكەتلىرى ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش ھەرىكىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇردى، مائارىپ سىستېمىسى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىمۇ پاش قىلىشقا پائال قاتناشتى. مەملىكەتلىك «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ئىشخانىسى پاش قىلىش مەركىزىنىڭ» ئۆزىلا نۆۋەتتە قوبۇل قىلغان ئاممىنىڭ توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇر توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتى 8679 غا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر