باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قىزىل چىراقتىن بېسىپ ئۆتسىڭىز ئېتىۋېتىدۇ» دەپ ئىغۋا تارقاتقۇچى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى

2014.04.18 14:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «قىزىل چىراقتىن بېسىپ ئۆتسىڭىز ئېتىۋېتىدۇ» دەپ ئىغۋا تارقاتقۇچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسىدىكى ياش ئابدۇباسىت ئابلىمىت موتوسىكلىت بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلار ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرغان، ئابدۇباسىت ئابلىمىت ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە قورالنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان، ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئەتىسى سەھەردە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

  بۇ قېتىمقى ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قورال تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر يامان غەرەزدە پاكىتنى بۇرمىلاپ، «قىزىل چىراقتىن بېسىپ ئۆتسىڭىز ئېتىۋېتىدۇ» دەپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، بەزى تور ئەھلى بۇنى كۆپتۈرۈپ، پىتنە-ئىغۋا توقۇغان ۋە تارقاتقان. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئا xx چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋاسىنى كۆپلەپ تارقاتقانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى قانۇنغا ئاساسەن، ئامانلىق ساقلاش بويىچە 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر