خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، 1982-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولۇمبىيەلىك يازغۇچى گابرېل گارسىيە ماركوس بېيجىڭ ۋاقتى 18-چېسلا سەھەردە مېكسىكا شەھىرىدە 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
خەلق تورى 15-ئاپرېل ماركىسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1999-يىلى ماركىسقا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. ئامېرىكىدا خېمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن ئۆسمە كىچىكلىگەن. بۇ يىل 3-ئايدا، گارسىيە ئۆپكە ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغلانغانلىقتىن مېكسىكىدا داۋالانغان. دوختۇر ئۇنى قايتا تەكشۈرگەندە، راك ھۈجەيرىلىنىڭ ئۆپكە، جىگىرىگە تاراپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. 8-ئاپرېل، ماركىس دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە داۋالانغان.
ماركىس 1927-يىلى كولۇمبىيەدە توغۇلغان بولۇپ، داڭلىق يازغۇچى ۋە مۇخبىر. 1982-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يۈز يىل غېرىبلىق»، تىپىك سېھرىي رىئالىزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئىسپان تىلىدىكى چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەر.