باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى

2014.04.18 15:33   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى

  كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 18-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي 17-ئاپرېل ‹‹يىللار›› ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۇرۇشلۇق تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بارلىق يولۇچىلارنى قۇتۇلدۇرىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بىراق، يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كەيپىياتى بەك ناچار بولۇپ، ھۆكۈمەتنى ‹‹كېچىكىپ قۇتقۇزدى›› دەپ ئەيىبلىدى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتتىن تېزراق پاراخوتقا ھاۋا يەتكۈزۈپ بېرىپ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھايات قېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، پارك گيۇنخاي ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىنىڭ كىشى يۈرىكىنى ئېچىشتۈرىدىغانلىقىنى، چوقۇم ھادىسە سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، جاۋابكارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئەڭ ئازابلىنىۋاتقانلارنىڭ يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىزمەتچى خادىملارنى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى توغرا، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرۇشقا ئەسكەرتتى.

  شۇ كۈنى، پارك گيۇنخاي يەنە، پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن دېڭىز تەۋەلىكىگە كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋاتقان ھەربىي-ساقچىلاردىن ھال سورىدى. ئۇ:‹‹گەرچە ھاۋا كىلىماتى ياخشى بولمىسىمۇ، بىز چوقۇم مىنۇت-سىكۇنتنى قولدىن بەرمەي يوقاپ كەتكەنلەرنى بار كۈچىمىز بىلەن ئىزدىشىمىز لازىم›› دېدى ۋە قۇتقۇزغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز