باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (9)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 – پاراگراف ئىجرا قىلىش

  103 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگۈچىگە بېرىلىدىغان جازانى قارار چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇش ئورنىدا ئىجرا قىلىدۇ.

  104 – ماددا جەرىمانە جازاسى بېرىلگۈچى جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشى كېرەك. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالسا بولىدۇ:

  (1) 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلغاندا، جازالانغۇچىنىڭ جەرىمانىگە باشقىچە پىكرى بولمىسا؛

  (2) چەت – ياقا جايلاردا، سۇ ئۈستىدە، قاتناش قولايسىز جايلاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قارارى چىقارغاندىن كېيىن، جازالانغۇچى بەلگىلەنگەن بانكىغا جەرىمانە تاپشۇرۇشتا قىينىلىدىغانلىقىنى ئېيتسا؛

  (3) جازالانغۇچىنىڭ شۇ جايدا مۇقىم تۇرالغۇسى بولمىغانلىقتىن، نەق مەيداندا ئالمىغاندا كېيىن ئالغىلى بولمايدىغان بولسا.

  105 – ماددا خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانىنى جەرىمانە ئالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە، ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى؛ سۇ ئۈستىدە، يولۇچىلار پويىزىدا ئالغان جەرىمانىنى قىرغاققا ياكى ۋوگزالغا يېتىپ بارغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە، ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەرىمانىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

  106 – ماددا خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالغاندا، جازالانغۇچىغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى بىرتۇتاش تەييارلىغان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك؛ بىر تۇتاش تەييارلىغان جەرىمانە تالونى بەرمىگەن بولسا، جازالانغۇچى جەرىمانىنى تاپشۇرماسلىققا ھوقۇقلۇق.

  107 – ماددا جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارىغا قايىل بولماي، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان، مەمۇرىي دەۋا قىلىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلسە جەمئىيەتكە خەۋپ يەتمەيدۇ، دەپ قارىسا، جازالانغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 108 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېپىل تاپسا ياكى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلىدىغان ھەر كۈنىگە 200 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  108 – ماددا كېپىل تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشۇشى كېرەك:

  (1) بۇ دېلو بىلەن چېتىشلىقى بولماسلىق؛

  (2) سىياسىي ھوقۇقى بولۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنمىگەن بولۇش؛

  (3) شۇ جايدا دائىملىق نوپۇسى ۋە مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇش؛

  (4) كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولۇش.

  109 – ماددا كېپىل كېپىل بولغۇچىسىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنىڭ ئىجراسىدىن باش تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.كېپىللەردىن كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، كېپىل بولغۇچىسىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىشىغا سەۋەبچى بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  110 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغانلاردىن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنىڭ ئىجراسىدىن باش تارتقانلىرىنىڭ كاپالەت پۇلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش قارارى ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ.

  111 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارى بىكار قىلىنغان ياكى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنىڭ ئىجراسى باشلانغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالغان كاپالەت پۇلىنى پۇل تاپشۇرغۇچىغا ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە