باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (7)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 – باب جازا تەرتىپى

  1 – پاراگراف تەكشۈرۈش

  77 – ماددا ج خ ئورگىنى مەلۇم قىلىنغان دېلو، ئەرز – شىكايەتنى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغان دېلونى شۇنىڭدەك باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ دېلولارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەم تىزىملىشى كېرەك.

  78 – ماددا ج خ ئورگىنى مەلۇم قىلىنغان دېلو، ئەرز – شىكايەت ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دېلونى قوبۇل قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش دەپ قارىغانلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈشى؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ئەمەس دەپ قارىغانلىرىنى دېلو مەلۇم قىلغۇچى، ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  79 – ماددا ج خ ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دەلىل – ئىسپات توپلاش مەنئى قىلىنىدۇ.قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن توپلىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى جازا ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

  80 – ماددا ج خ ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش دېلوسىنى بېجىرىشتە، دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

  81 – ماددا خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

  (1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزى يېقىن تۇغقىنى بولسا؛

  (2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

  (3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىرتەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا.خەلق ساقچىسىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئۆزى قاراشلىق ج خ ئورگىنى قارار قىلىدۇ؛ ج خ ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ج خ ئورگىنى قارار قىلىدۇ.

  82 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن چاقىرتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىرى ج خ ئورگىنى دېلو بېجىرىش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، چاقىرتىش قەغىزى بىلەن چاقىرتىلىدۇ. نەق مەيداندا بايقالغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى خەلق ساقچىسى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، ئاغزاكى چاقىرسا بولىدۇ، لېكىن، سوراق خاتىرىسىدە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. ج خ ئورگىنى چاقىرتىش سەۋەبىنى ۋە ئاساسىنى چاقىرتىلغۇچىغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك. چاقىرتقاندا، يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كەلمىگەن ياكى باش تارتقانلار مەجبۇرىي چاقىرتىلسا بولىدۇ.

  83 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى چاقىرتقاندىن كېيىن، ۋاقتىدا سوراپ ئېنىقلىشى، سوراپ ئېنىقلاش ۋاقتىنى سەككىز سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ سوراپ ئېنىقلاش ۋاقتىنى 24 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چاقىرتىش سەۋەبى ۋە چاقىرتىلغان جاينى چاقىرتىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  84 – ماددا سوراق خاتىرىسىنى سوراق قىلىنغۇچىغا كۆرسىتىش؛ ئوقۇيالمايدىغانلىرىغا ئوقۇپ بېرىش كېرەك. خاتىرىنىڭ چالا قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى سوراق قىلىنغۇچى تولۇقلاش ياكى تۈزىتىشنى دېسە بولىدۇ. سوراق قىلىنغۇچى سوراق خاتىرىسىدە خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى، سوراق قىلغان خەلق ساقچىسىمۇ سوراق خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.سوراق قىلىنغۇچى سوراق قىلىنىدىغان ئىشقا دائىر يازما ماتېرىيالنى ئۆزى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، رۇخسەت قىلىش كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق ساقچىسى سوراق قىلىنغۇچىدىن ئۆزى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن يېشى 16 گە تولمىغانلىرىنى سوراق قىلىشتا، ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

  85 – ماددا خەلق ساقچىسى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى تۇرار جايىغا بېرىپ گەپ سورىسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلارغا ج خ ئورگىنىغا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشنى ئۇقتۇرسىمۇ بولىدۇ.

  خەلق ساقچىسى ج خ ئورگىنىنىڭ سىرتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن گەپ سورىغاندا، خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 84 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

  86 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ گاس – گاچىلىرىدىن گەپ سوراشتا، بارماق تىلىنى بىلىدىغانلار ياردەم بېرىشى ھەم سوراق خاتىرىسىگە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.

  ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغانلىرىدىن گەپ سوراشتا، تەرجىمان ئىشلىتىش ھەم خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.

  87 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشقا ئالاقىدار سورۇن، بۇيۇم ۋە ئادەمنى تەكشۈرسە بولىدۇ. تەكشۈرگەن چاغدا، خەلق ساقچىسى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەم خىزمەت كىنىشكىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى بەرگەن تەكشۈرۈش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك. دەرھال تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، خەلق ساقچىسى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى يېزىپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

  ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار تەكشۈرۈشى كېرەك.

  88 – ماددا تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇش، ئۇنىڭغا تەكشۈرگۈچى، تەكشۈرۈلگۈچى ۋە گۇۋاھچى ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىش كېرەك؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، خەلق ساقچىسى خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

  89 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدىغان بۇيۇمنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ياخشى نىيەتلىك 3 – كىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىگەن مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قالماي، تىزىملىشى كېرەك. دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى گۇۋاھچى ۋە تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدا ئېدىتلاپ، شۇ جايدا ئوخشاش ئىككى نۇسخا تىزىملىك يېزىپ، تەكشۈرگۈچى، گۇۋاھچى ۋە بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، بىر نۇسخىسىنى بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغا بېرىش، يەنە بىر نۇسخىسىنى دېلوغا سېلىپ قويۇش كېرەك.

  تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى ياخشى ساقلاش، ئىشلىتىۋالماسلىق كېرەك؛ ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇمنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ چىققانلىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش؛ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مال – مۈلكى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىرىنى تىزىملىغاندىن كېيىن، دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش؛ ئالتە ئاي توشقىچە، مال – مۈلۈكنىڭ ئىگىسى چىقمىسا ياكى تېپىلمىسا، ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، تاپاۋەتنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك.

  90 – ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، دېلودىكى تالاش – تارتىشتا قالغان مەخسۇس مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە، كەسىپ ئەھلىلىرىنى باھالاپ بېرىشكە ئەۋەتىش ياكى تەكلىپ قىلىش كېرەك؛ باھالىغۇچى باھالىغاندىن كېيىن، باھالاش پىكرى يېزىشى ھەم ئىمزا قويۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە