باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو 2-چوڭ مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىك دۆلىتىگە ئايلاندى

2013.06.17 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان 6-نۆۋەتلىك يەر شارى تاشقى ھۆددىگەرلىك يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، جۇڭگو مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىك كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ، يەر شارىدىكى 2-چوڭ مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىك دۆلىتىگە ئايلانغان. سودا مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودىسى ۋە سودا مۇلازىمەت كەسپى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ليەنپو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، جۇڭگو مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىك كارخانىلىرى قوبۇل قىلغان چېگرىغا يېقىن مۇلازىمەت ھۆددىگەرلىكىدە ئىجرا قىلىنغان مەبلەغ تۆت مىليارد 690 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 33 مىليارد 640 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %60 تىن كۆپرەك ئاشقان؛ يەر شارىدىكى چېگرىغا يېقىن تاشقى ھۆددىگەرلىك بازارلىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى 2008-يىلىدىكى %7.7 تىن 2012-يىلى %27.7 كە يېتىپ، يەر شارىدىكى 2-چوڭ مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىك دۆلىتىگە ئايلانغان. ۋەن ليەنپو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تاشقى ھۆددىگەرلىك كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز زورايدى.

  ئىختىساسلىقلار، بازار ۋە سەھنە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىك كەسپىي تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاندى، مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە