باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (2)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 – باب جازانىڭ تۈرى ۋە بېرىلىشى

  10 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسىنىڭ تۈرى:

  (1) ئاگاھلاندۇرۇش؛

  (2) جەرىمانە قويۇش؛

  (3) مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش؛

  (4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش.ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان چەت ئەللىكلەرگە سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىش ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.

  11 – ماددا ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە قولغا چۈشكەن زەھەر، شەھۋانىي بۇيۇم قاتارلىق مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، قىمار سايمىنى، قىمار دەسمايىسى، زەھەرنى چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش سايمىنىنى شۇنىڭدەك شۇ كىشىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىشقا بىۋاسىتە ئىشلەتكەن بارلىق سايمىنىنى يىغىۋېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن مال – دۇنيا زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولمىسا، مال – دۇنيا تىزىمغا ئېلىنىپ، ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېتىلىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ، تاپاۋەت دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  12 – ماددا يېشى 14 كە توشۇپ، 18 گە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ يېشى 14 كە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

  13 – ماددا روھىي كېسەللەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە داۋالىتىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەردىن روھىي ھالىتى نورمال چاغدا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىش كېرەك.

  14 – ماددا ئەمالار ياكى ھەم گاس، ھەم گاچىلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

  15 – ماددا مەستلەردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلىشى كېرەك. مەستلەردىن مەستلىكىدە ئۆزىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغانلىرىنى مەستلىكى يېشىلگىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، چەكلەپ تۇرۇش كېرەك.

  16 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ئىككى خىلدىن ئارتۇق قىلمىشى بارلارغا ئايرىم – ئايرىم قارار چىقىرىلىپ، جازا قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى ئۇزاق بولغاندا 20 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  17 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا بىرلىكتە خىلاپلىق قىلغانلارغا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشتا ئوينىغان رولىغا قاراپ، ئايرىم – ئايرىم جازا بېرىلىدۇ.

  باشقىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارغا كۈشكۈرتۈش، زورلاش، ئازدۇرۇش قىلمىشىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

  18 – ماددا ئورۇنلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوخشاش قىلمىش ئۈچۈن ئورۇنغا جازا بېرىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  19 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا بېرىلمەيدۇ:

  (1) قىلمىشى ئالاھىدە يېنىك بولغانلار؛

  (2) قانۇنغا خىلاپ ئاقىۋەتنى ئۆزلۈكىدىن تۈگەتكەن ياكى يېنىكلەتكەن ھەمدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنغانلار؛

  (3) باشقىلار تەرىپىدىن زورلانغان ياكى ئازدۇرۇلغانلار؛

  (4) ئۆزلۈكىدىن دېلو مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئېيتقانلار؛

  (5) خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار.

  20 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ:

  (1) ئېغىرراق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

  (2) باشقىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلار؛

  (3) دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛

  (4) ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلگىنىگە ئالتە ئاي بولمىغانلار.

  21 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن مۇشۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى ئىجرا قىلىنمايدۇ:

  (1) يېشى 14 كە توشۇپ، 16 گە توشمىغانلار؛

  (2) يېشى 16 گە توشۇپ، 18 گە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلار؛

  (3) يېشى 70 تىن ئاشقانلار؛

  (4) ھامىلىدارلار ياكى ئەمچەكتىكى بالىسى بىر ياشقا توشمىغانلار.

  22 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالتە ئايغىچە سەزمىگەنلەرگە جازا بېرىلمەيدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ئۈزۈلمىگەن ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، قىلمىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە