باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (1)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

  (2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

  (67 – نومۇرلۇق)

  ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 

  11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

  60 – ماددىنىڭ 4 – تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇن بويىچە قوللىنىلغانلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرى››.

  بۇ قارار 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى

  (2005 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى29 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

  (38 – نومۇرلۇق)

  ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

  2012 – يىل 0 1– ئاينىڭ 26 – كۈنى 

  مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب جازانىڭ تۈرى ۋە بېرىلىشى

  3 – باب ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ۋە بېرىلىدىغان جازا

  1 – پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا

  2 – پاراگراف جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا

  3 – پاراگراف جىسمانىي ھوقۇققا، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا

  4 – پاراگراف جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا

  4 – باب جازا تەرتىپى

  1 – پاراگراف تەكشۈرۈش

  2 – پاراگراف قارار قىلىش

  3 – پاراگراف ئىجرا قىلىش

  5 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ قانۇن جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 – ماددا جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن، جىسمانىي ھوقۇق، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغان، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن ئىجتىمائىي خەۋپى بولغان، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە توشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بەرگىلى بولمايدىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

  3 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  4– ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە – پاراخوتلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىدە سادىر بولغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

  5 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشتە، پاكىتنى ئاساس قىلىش، بېرىلىدىغان جازا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ خاراكتېرى، ئېغىر – يېنىكلىكى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپىنىڭ دەرىجىسىگە لايىق بولۇشى شەرت.

  ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشتە، ئاشكارا، ئادىل بولۇش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىنى قوغداش كېرەك.

  ئامانلىق دېلوسى بېجىرىشتە، تەربىيە بىلەن جازانى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى پەسەيتىشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك.

  7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ئامانلىق دېلوسىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

  8 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش باشقىلارغا زىيان سالسا، قىلمىشچى ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  9 – ماددا ئەل ئىچىدىكى ماجىرا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇشۇش ياكى باشقىلارنىڭ پۇل – مېلىغا زىيان سېلىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن يېنىكرەكلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇرەسسە يولى بىلەن بىرتەرەپ قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن، ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلسا، جازا بېرىلمەيدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئادا قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا ھەق تەلەپ تالاش – تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە