باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (10)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

  112 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى قانۇن بويىچە، ئادىل، پۇختا، ئۈنۈملۈك بېجىرىشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك.

  113 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئۇرۇشى، تىللىشى، خورلىشى ياكى ھاقارەتلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  114 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە، جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىدىن ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان ياكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرى ئۈستىدىن ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەرز – شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  115 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جەرىمانە جازاسى بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىشى؛ ئالغان جەرىمانىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.

  116 – ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) باشقىلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغان، تەن جازاسى بەرگەن، خورلىغان، ھاقارەتلىگەنلەر؛

  (2) سوراق قىلىپ ئېنىقلايمەن دەپ، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتكەنلەر؛

  (3) جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغان ياكى جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل – مالنى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرمىغان ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (4) ئالغان، تۇتۇپ تۇرغان پۇل – مالنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (5) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل – مېلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەن ياكى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار؛

  (6) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار؛

  (7) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل – مال ئالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛

  (8) نەق مەيداندا جەرىمانىگە تالون كېسىپ بەرمىگەنلەر ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغانلار؛

  (9) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى توسۇش تەلىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا بارمىغانلار؛

  (10) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىگە خەۋەر يەتكۈزگەنلەر؛

  (11) نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋالى بولغانلار.

  ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

  117 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلغانلىرى ناماقۇل بولۇشى؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  118 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ‹‹...دىن يۇقىرى، ...دىن تۆۋەن، ... ئىچىدە›› دېيىلگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  119 – ماددا بۇ قانۇن 2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1986 – يىل 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئېلان قىلىنغان، 1994 – يىل 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە