باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (4)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 – پاراگراف جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا

  30 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلارنى ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلارنى ياسىغان، ئېلىپ – ساتقان، ساقلىغان، توشۇغان، پوچتىدىن ئەۋەتكەن، ئېلىپ يۈرگەن، ئىشلەتكەن، بەرگەن، بىرتەرەپ قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

  31 – ماددا پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلار ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلار ئوغرىلانغان، بۇلانغاندا ياكى يۈتۈپ كەتكەندە، بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قەستەن يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

  32 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان قورال – ياراغ، ئوق – دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرگەنلەرگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان قورال – ياراغ، ئوق – دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىقلارنى جامائەت سورۇنىغا ئېلىپ كىرگەن ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئېلىپ چىققانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

  33 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

  (1) نېفىت – گاز تۇرۇبىسى ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتىر – تېلېگراف ئەسلىھەلىرى، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، سۇچىلىق – كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ياكى ھىدرولوگىيەلىك كۆزىتىش، ئۆلچەش، مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش – مەلۇم قىلىش، مۇھىت كۆزىتىش، گېئولوگىيەلىك كۆزىتىش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (2) دۆلەت چېگراسىدىكى چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى، شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەسى ياكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكى بەلگىسى ئەسلىھەسىنى يۆتكىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (3) دۆلەت چېگراسى (چېگرا) لىنىيەسى بويىدا قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان ياكى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) باشقۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ياسىغانلار.

  34 – ماددا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە ئەسلىھەسىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەن ياكى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمىگە باستۇرۇپ كىرگەنلەرگە ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىدە يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئەسۋاب، سايماننى ئىشلەتكەنلەردىن، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىرىغابەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  35 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) تۆمۈريول ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، پاراۋۇز – ۋاگون زاپچاسلىرى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەنلەر؛

  (2) تۆمۈريولغا توساق قويغان ياكى پويىزغا قەستەن نەرسە ئاتقانلار؛

  (3) تۆمۈريول، كۆۋرۈك، تونېلدا ئورەك كولىغانلار، قۇم – تاش ئالغانلار؛

  (4) تۆمۈريولدا ئۆز مەيلىچە ئاچال قۇرۇۋالغان ياكى كەسمە يول ياسىۋالغانلار.

  36 – ماددا تۆمۈريول مۇداپىئە تورىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەن ياكى پويىز كېلىۋاتقاندا، تۆمۈريولدا مېڭىپ، ئولتۇرۇۋېلىپ، يېتىۋېلىپ، كېسىپ ئۆتۈپ، پويىزنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  37 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

  (1) ئېلېكتىر تورىنى تەستىقلاتماي ئورناتقانلار، ئىشلەتكەنلەر ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئېلېكتىر تورىنى ئورناتقان، ئىشلەتكەنلەر؛

  (2) قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر ماڭىدىغان جايدا قۇرۇلۇش قىلىپ، كولىغان قۇدۇققا، ئورەككە قاپقاق ياپمىغان، ئۇنى چىتلاپ قويمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاگاھ بەلگىسى قويمىغان ياكى قاپقاق، چىتلارنى ۋە ئاگاھ بەلگىسىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەر؛

  (3) يولدىكى قۇدۇق قاپقىقى، يورۇتۇش ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر.

  38 – ماددا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىسى خەۋپى پەيدا قىلغانلار پائالىيىتىنى توختىتىپ، دەرھال تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تەشكىللىگۈچىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  39 – ماددا مېھمانخانا، كىنو – تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، تەنتەربىيە مەيدانى، كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا جامائەت سورۇنىنى باشقۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ سورۇندا بىخەتەرلىك ھادىسىسى خەۋپى پەيدا قىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە