
- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ساماۋىي ئوردا بىرىنچى نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇنى ئوربىتىدا قوغدىدى
2013.06.17 09:28
تۈنۈگۈن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ساماۋىي ئوردا بىرىنچى نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇنى ئوربىتىدا قوغدىدى، ئىچكى بېزەك ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇش سىنىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن نې خەيشېڭ، جاڭ شاۋگۇاڭ، ۋاڭياپىڭ يەر يۈزىدىكى خادىملارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، خىزمەت پىلانى بويىچە ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ساماۋى ئوردا بىرىنچى نومۇرلۇق نىشانلىق ئۇچقۇنىڭ يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى چۇۋۇدى، قاتتىق تاختاي ۋە يېڭى چەكلەش قۇرۇلمىلىرىنى سەپلىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونوشتۇرۇشىچە، قاتتىق تاختاينى ئالماشتۇرۇش ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى يوقىتىش شارائىتى ئاستىدا بەدىنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ساماۋىي ئوردا 1-نومۇر بىلەن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى بىرلىكتە ئۇچۇش جەريانىدا، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى بوشلۇقتا ھەر خىل ئىلىمىي ۋە تېخنىكا تەجرىبىسى ئىشلەيدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved